【win10 22H2】سۈرەتخانا سېستىمىسى بىرىنچى نەشىرى تارقىتىلغاندىن كېيىن كۆپ ساندىكى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىتى ۋە ياقتۇرۇپ ئىشلىتىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىر قىسىم قىستۇرما ۋە تەڭشەش جەھەتتىكى قىممەتلىك تەكىلىپ پىكىرلەرنى شۇندى، شۇنىڭ بىلەن بىر ئادوبى يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ 2023-يىلى 2-ئايدا يىڭىلانغان نەشىرى ئاساسىدا سۈرەتخانا سېستىمسى 2023نەشىرىنىڭ 2-نەشىرىنى توپلاشتۇرۇپ كەسىپداشلارنىڭ ئىشلىتىشىگە سۇندۇق.

گەرچە سېستىما 2-ئايدىلا پۈتكەن بولسىمۇ كەسىپداشلارنىڭ سېستىمىنى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن ئامال بار قايتا تەڭشەش قاتارلىق بىرەر ئەھۋاللارغا يۇلۇقمىسىكەن دىگەن ئارزۇلار بىلەن كۆپ قېتىملىق سىناپ قاچىلاش ۋە تەڭشەش ئارقىلىق ھازىرقى 3-ئاينىڭ ئاخرىغا سۇزۇلدى، بىزگە ئىشىنىپ سېستىما ئۇچۇرىنى ھەر ۋاقىت ئىگەللەپ تۇرىۋاتقان كەسىپداشلارغا سەمىمى مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز

ئاساسلىق قاچىلانغان يۇمشاق دېتاللار تۈۋەندىكىچە:

Adobe_Photoshop_2023_24.1.1.238_ACR15.2_SP_20230213

Adobe_Lightroom_Classic_12.2.0.202302032259_SP_20221214

Adobe_Bridge_2023_13.0.2.636_ACR15.2_SP_20230213

مەزكۇر سېستىمىغا قايسى قىستۇرمىلار قاچىلاندى دىگەن ئۇچۇرلارنى تۈۋەندىكى ئۇلانمىدىن چۈشەنسەڭلار بۇلىدۇ.

سۈرەتخانا سېستىمىسىغا قاچىلانغان قىستۇرمىلار توغرىسىدا تەپسىلى چۈشەنچە

سېستىما كۈرۈنمە يۈزى

سېتىما قاچىلانغاندىن كېيىن تەخمىنەن 41.8GBسىغىمنى ئىگەللەيدۇ.

مەزكۇر سېستىمىغا قارىتاWIN10专业版64位22H2正式版19045.2364MSDN12نەشىرى ئىشلىتىلگەن بۇلۇپ مۇناسىۋەتلىك چۈشەندۈرۈشلەرنى تېخىمۇ ئېلگىرلىگەن ھالدا چۈشەنمەكچى بولسىڭىز تۈۋەندىكى يازمىلارنى كۈرۈپ باقسىڭىز بۇلىدۇ.

【win10 22H2】تۈزۈلگەن سېستىمىلاردا نىمىلەر ئىخچاملاندى؟

سۈرەتخانا سېستىمىسىغا قاچىلانغان قىستۇرمىلار توغرىسىدا تەپسىلى چۈشەنچە

سېستىمام تورىدىكى سېستىمىلارنى قاچىلاشنىڭ سىن دەرىسلىكى

سېستىمام تورى تارقاتقان سېستىمىلارنى قاچىلاشنىڭ ئونۋېرسال رەسىملىك چۈشەندۈرۈلمىسى

优启通EasyU_3.7.2022.0801دىن پايدىلىنىپ بارماق دېسكىدىن قوزغىلىدىغان winpeنى ياساش ئۇسۇلى

bandizipيۇمشاق دېتالدىن پايدىلىنىپ بۈلەككە بۈلۈنگەن ھۆججەتلەرنى پىرىستىن يىشىش ئۇسۇلى

سېستىما زاپاسلاش ۋە قايتۇرۇش رەسىملىك قوللانمىسى

ئىزاھات:سېستىمام تورى تەرىپىدىن تارقىتىلغان سېستىمىلار ھەقلىق ھالەتتە بۇلۇپ، چۈشۈرۈش ۋە قاچىلاش ئۈچۈن ئالدىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايدۇ، پەقەت قاچىلىنىش جەريانىدا چىققان ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاش ئارقىلىق قاچىلاش نۇمۇرى سېتىۋېلىپ ئىشلىتىسز، پۈتكۈل جەريان ئاپتۇماتىك ھالەتتە، ھەرگىزمۇ ئادەملىك مۇلازىمەت يوق. قاچىلاش نۇمۇرى سېتىۋالغانلىقىڭىز ھەرگىزمۇ سىزنىڭ سېستىما ۋە يۇمشاق دېتاللارنىڭ ھەقىقى نەشىرىنى سېتىۋالغانلىقىڭىزنى بىلدۈرمەيدۇ، پەقەت بىزنىڭ بۇ سېستىمىلارنى ئىككىنچى قېتىملىق قۇلايلىق ھالەتتە تەييارلىغانلىقىمىزنىڭ ئەجىر ھەققىدىنلا ئىبارەت، ئادەتتە قىستۇرما قاچىلانغان سېستىمىلارنىڭ بىر قېتىملىق قاچىلاش نۇمۇرىنى 30يۈەن، قىستۇرما قاچىلانمىغان سېستىمىلارنىڭ بىر قېتىملىق قاچىلاش نۇمۇرىنى 15يۈەن، ئىشخانا ئاپتۇماتلاشتۇرۇش سېستىمىللىرىنىڭ بىر قېتىملىق قاچىلاش نۇمۇرىنى 5يۈەندىن سېتىۋېلىپ كومپىيۇتىرىڭىزغا قاچىلاپ ئىشلەتسىڭىز بۇلىدۇ.مۇبادا بىرەرسى سىز بىلەن سېستىما توغرىسىدا ئالاقىدە بولسا ۋە ياكى قاچىلاش تەڭشەش جەريانىدا پۇل سورىسا ھەممىسى ئالدامچىلىق، سېستىمام تورى تەرىپىدىن تارقىتىلغان سېستىمىلارنىڭ قاچىلاش نۇمۇرىنى ئادەتتە ئالدىن ھاسىللىغىلى بولمايدۇ، بىر كومپىيۇتىر بىلەن يەنە بىر كومپىيۇتىرنىڭ قاچىلاش نۇمۇرى قەتئىي ئوخشىمايدۇ. سېستىما قاچىلاش جەريانىدا يۇلۇققان مەسىلىلەرنى سېستىمام تورى ۋېيشىن تۇپى ئارقىلىق سۈرۈشتۈرسىڭىز ۋە باشقا كەسىپداشلار بىلەن ھەمبەھىرلەنسىڭىز بۇلىدۇ.