مەزكۇر سېستىمىغا AE2022+ME2022+PS2022+EDIUS8.5ئاساسىدا ھېچقانداق ئۈچىنچى تەرەپ قىستۇرما قاچىلانماي پاكىز ھالەتتە ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئىشلىتىشگە سۇنۇلدى.
نىمە ئۈچۈن قىستۇرمىلار بىراقلا توپلاشتۇرۋېتىلمەيدۇ دىگەندە مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئىشلەتكۈچىلەر نۇرغۇنلىغان قىستۇرمىلار توپلاشتۇرۇلغان سېستىمىنى كومپىيۇتىرىغا قاچىلىغاندىن كېيىنمۇ ئۇ قىستۇرمىلارنى بىرەر قېتىممۇ ئىشلەتمەي كومپىيۇتىرغا يۈك قىلىپ تۇرغىنى تۇرغان ئىكەن، شۇ سەۋەپتىن بۇ پاكىز نۇسخىدىكى فىلىم-سۈرەتچىلىك سېستىمىسى ئوتتۇرغا چىقىرىلدى، ئېھتىياجىڭىزغا قاراپ چۈشۈرۈپ قاچىلاپ ئىشلەتسىڭىز بۇلىدۇ.
سېستىما بەيدۇ تور دىسكىسى، شۈنلېي تور دسكىسى، تىيەنيى بۇلۇت تور دىسكىسى ۋە چېڭتۇڭ تور دىسكىللىرىدا ماس ھالدا تەمىنلەنگەن، ئېھتىياجىڭىزغا قاراپ مەلۇم بىرسىدىن چۈشۈرسىڭىزلا بۇلىدۇ، ئاندىن چۈشۈرگەندە 优启通EasyU_3.7.2022.0620 ئىسىمدىكى پىرىسلانغان ھۆججەتتىن بىرسى چۈشىدۇ، بۇ مەخسۇس WINPEھالەتتىكى بارماق دىسكا ياسايدىغان قۇرال، تەۋسىيە مۇشۇنىڭدىن پايدىلىنىپ بارماق دىسكىسدا قوزغىلىدىغان WINPE تەييارلاپ ئاندىن بۇ سېستىمىنى قاچىلىشىڭىزنى تەۋسىيەلەيمىز.
بۇ WINPE ياساش قۇرالىنىڭ ئالاھىدىلىكى _ پاكىز ھالەتتە، سېستىمىڭىزغا ھېچقانداق ئۈچىنچى تەرەپ يۇمشاق دېتالى ۋە ئېلانلارنى قىستۇرۇپ قويمايدۇ، WINPE مۇھىتىدا بىۋاستە تورغا چىقىشقا بۇلىدۇ، نۇرغۇنلىغان سېستىمىغا مۇناسىۋەتلىك كىچىك دېتاللار بار بۇلۇپ زۈرۈرىيەت تۇغۇلغاندا بىۋاستە قوزغۇتۇپ ئىشلىتىشكە بۇلىدۇ.
سېستىمىنى قاچىلاشتىن بۇرۇن AE-ME-PS2022+EDIUS8.5 V5.0.part1دىن AE-ME-PS2022+EDIUS8.5 V5.0.part6گىچە بولغان ئالتە بۈلەك پىرىس ھۆججەت چۈشىدۇ، سىز بۇ ئالتە بۈلەك ھۆججەتنىڭ ھەممىسىنى پىرىستىن يىشىشىڭىزنىڭ زۈرۈرىيتى يوق، خالىغان بىر بۈلەك پىرىس ھۆججەتنى پىرىستىن يىشىشكە بۇيرۇق بەرسىڭىز قالغان بۈلەكلەرنى ئاپتۇماتىك يىتەكلەپ پىرىستىن يىشىپ ئەڭ ئاخرىدا ئىسىمى AE-ME-PS2022+EDIUS8.5 V5.0بولغان،سىغىمى 21.2GBبولغان، كىڭەيتىلگەن نامى wimھالەتتىكى ھۆججەتىن بىرنى ھاسىللايدۇ. بۇ دەل سىزنىڭ كومپىيۇتىرىڭىزغا قايتۇرماقچى بولغان سېستىمىڭىز شۇ، ئۇنى يەنە قايتىدىن پىرىستىن يىشىشىڭىزنىڭ زۈرۈرىيتى يوق. سىز ياسىۋالغان WINPE ئارقىلىق كومپىيۇتىرىڭىزنى قوزغۇتۇپ WINPEمۇھىتىدا قايتۇرسىڭىزلا بۇلىدۇ.
سېستىمىغا WIN11商业版64位21H2正式版22000.795MSDN7月原版镜像 ئىشلىتىلگەن ھەمدە مۇۋاپىق ھالدا تەڭشەش ئېلىپ بېرىلغان. مەزكۇر سېستىما ئەنئەنىۋى ھالەتتىكى GHOھالەتتە بولماستىن بەلكى WIMھالەتتە، WIMھۆججىتىنىڭ سىغىمى 21.2GBكىلىدۇ، تەۋسىيەلىك قاچىلاش بوشلۇقى 60GB~85GBھالەتتە.
تەۋسىيە:سېستىمىنى قاچىلاشتىن بۇرۇن چۇقۇم سېستىما بىلەن بىللە تەمىنلەنگەن WINPEياساش قۇرالىدىن پايدىلىنىپ بارماق دېسكىدا قوزغىلىدىغان WINPEدىن بىرنى تەييار قىلىۋېلىڭ، ئاندىن سېستىما قاچىلاڭ، ئۈزۈمدە تەييار ھالەتتىكى WINPE بارغۇ دەپ(بىر قىسىم WINPEياسايدىغان يۇمشاق دېتاللارغا شۇ دېتالنىڭ ھەر خىل ئېلانلىرى قۇشۇلغان) كومپىيۇتىرىڭىزنى قالايمىقان ئېلانلارغا توشقۇزۇۋېلىپ بىزدىن كۆرسىڭىز توغرا بولمايدۇ. سېستىما بىلەن بىللە تەمىنلەنگەن WINPEياساش قۇرالىدىن پايدىلىنىپ WINPEياسىۋالسىڭىز بۇلىدۇ، بۇ خىل ياسالغان WINPEنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى بىۋاستە تور بەت زىيارەت قىلىشقا بۇلىدۇ،ھېچقانداق ئېلان قۇشۇلمىغان، پاكىز ھالەتتە.
سېستىمىنىڭ كۈرۈنمە يۈزى:
سېستىمىغا قاچىلانغان يۇمشاق دېتاللار تۈۋەندىكىچە:
1.Adobe After Effects 2022 22.2.1
2.Adobe Photoshop 2022 23.3.0
3.Adobe Media Encoder 22.2
4.Edius8.5稳定版
5.剪映专业版
6.完美解码器
7.ImageGlass(浏览图片软件)
8.360压缩v4.0.0.1310绿化版(无广告处理版本)
9.Microsoft Office_Pro_Plus_2021_LTSC Project Visio_x64_zh_CN_VL_2022-06
10.geek_1.4.7.142
11.腾讯电脑管家
12.塔里木应用商店
13.其他必备软件