مەزكۇر سېستىمىغا تەكشىلىك ئېلان لاھىيەسى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار كۆپ ئىشلىتىدىغان PS2023+AI2023+CDR2021ۋە ماس ھالدىكى رەسىم كۈرۈش، يېزىق بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق يۇمشاق دېتاللار Win11_22H2Prox64نەشىرىگە ماسلاشتۇرۇلۇپ توپلاشتۇرۇلدى.

سېستىما كۈرۈنمە يۈزى:

ئاساسلىق قاچىلانغان يۇمشاق دېتاللار تۈۋەندىكىچە:

1.Adobe-Photoshop-2023-24.0.0

2.Adobe_Illustrator_2023_v27.0.0

3.CorelDRAW Technical Suite 2021 v23.0.0.363 x64

4.恒星播放器

5.ImageGlass(浏览图片软件)

6.WinRAR解压软件(无广告处理版本)

7.Microsoft Office_Pro_Plus_2021_LTSC Project Visio_x64_zh_CN_VL_2022-06

8.geek_1.4.7.142

9.QQ浏览器

10.IDM下载软件

11.FastCopy

12.ۋولقان سالون ياردەمچىسى

13.其他必备软件

مۇبادا مەزكۇر سېستىمىنى ئىشلىتىش جەريانىدا بىر قىسىم يۇمشاق دېتاللار ۋە قىستۇرمىلارنى ئارتۇقچە ھېس قىلسىڭىز پاكىز ئۈچۈرۈپ يۇيۇۋېتىشڭىز، كومپىيۇتىرىڭىزدا ھېچقانداق قالدۇق، ئىزلىرى قالماسلىقى ئۈچۈن geek يۇمشاق دېتالى قۇشۇلدى. بۇ قۇرالدىن پايدىلىنىپ ئىشلەتمەيدىغان يۇمشاق دېتال ۋە قىستۇرمىلارنى ئۈچۈرسىڭىز يۇمشاق دېتالنى ئۈچۈرگەندىن سىرىت يەنە 注册表دىن باشلاپ تازىلاش ئېلىپ بېرىپ كومپىيۇتىرىڭىزغا ئارتۇقچە يۈك بۇلۇپ تۇرۇشتىن ساقلىنالايسىز.

رەسىم كۈرۈشكە نىسپەتەن ImageGlass يۇمشاق دىتالى قۇشۇلدى، ئىقتىدارىنىڭ مۇكەممەللىكىدىن بۇندىن كېيىن كومپىيۇتىرىڭىزدا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم قۇرال قىلىۋالىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمىز.

تور كۆرگۈچكە نىسپەتەن QQتور كۆرگۈچىنىڭ بىر قىسىم ئىقتىدارلىرىغا نىسپەتەن تەڭشەش ئېلىپ بېرىلغان ئاساستا قاچىلاش تەڭشەش ئېلىپ بېرىلدى.

سالونغا يازما يوللايدىغانلارنى كۆزدە تۇتۇپ ۋولقان سالون تەييارلاش ياردەمچىسى QQتور كۆرگۈچى ۋە Microsoft Edge تور كۆرگۈچىنىڭ كىڭەيتمە قىسمىغا قۇشۇلدى، ۋولقان سالون تەييارلاش ياردەمچىسى ئەسلى ھۆججىتى 我的文档ھۆججەت قىسقۇچىغا قۇيۇلدى، يۇيۇۋېتىشتن ساقلىنىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

مىكروسوفىت شىركىتى تارقاتقان چۈشۈرۈش سۈرئىتىگە ھېچقانداق چەك قويمايدىغان چۈشۈرۈش قۇرالى IDMقاچىلىنىپ تەڭشەلدى، مەۋھۇم چۈشۈرۈش ئادرىسى سېستىما دىسكىسىنىڭ 下载ھۆججەت قىسقۇچى بۇلۇپ، ئىشلىتىش جەريانىدا ئېھتىياجىڭىزغا قارىتا تەڭشەش ئېلىپ بارسىڭىز بۇلىدۇ.

پىرىستىن يىشىش يۇمشاق دېتالىغا قارىتا WinRAR نىڭ ئېلانسىز نۇسخىسى قۇشۇلدى.

PSDھۆججەتلەر بىۋاستە كۈرۈنمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس ماس تۈردىكى قۇشۇمچە قاچىلىنىپ بىۋاستە رەسىم كۆرگۈچ ئارقىلىق كۆرگىلى بۇلىدىغان قىلىپ تەڭشەلدى.

چوڭ سىغىمدىكى ھۆججەتلەرنى بىخەتەر كۈچۈرۈش ئۈچۈن FastCopy يۇمشاق دېتالى قۇشۇلدى.

ئۇنىڭدىن باشقا يۇمشاق دېتاللارغىمۇ ئۈزىگە خاس ئەلالاشتۇرۇش ۋە تەڭشەشلەر مۇۋاپىق دەرىجىدە ئېلىپ بېرىلىپ ئىشلەتكۈچىلەرگە قۇلايلىقلار يارىتىلدى.

 

سېستىما بەيدۇ تور دىسكىسى، تىيەنيى بۇلۇت تور دىسكىسى ۋە چېڭتۇڭ تور دىسكىللىرىدا ماس ھالدا تەمىنلەنگەن، ئېھتىياجىڭىزغا قاراپ مەلۇم بىرسىدىن چۈشۈرسىڭىزلا كۇپايە، چۈشۈرگەندە WIN11=PS2023+AI2023+CDR2021_2.zip.001 دىن WIN11=PS2023+AI2023+CDR2021_2.zip.004 گىچە بولغان تۆت بۈلەك zip فورماتتىكى پىرىس ھۆججەت چۈشىدۇ.

پىرىستىن يەشكەندە سېستىما ھۆججەتلىرى بىلەن بىللە تەمىنلەنگەن BANDIZIP-SETUP-STD-X64 يۇمشاق دېتالىنى كومپىيۇتىرىڭىزغا قاچىلاپ پىرىستىن يىشىشڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

مۇشۇ يەردە ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئەسكەرتىشكە تىگىشلىكى شۇكى: سېستىما ھۆججەتلىرنى چۈشۈرگەندە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە بىردىن بىردىن چۈشۈرۈڭ، چۈشۈرۈش جەريانىدا ئامال بار كومپىيۇتىرڭىزنى قايتا قوزغىتىدىغان ياكى تور ئۈزۈلۈپ قالىدىغان ئەھۋاللاردىن ساقلىنىڭ، مۇبادا پىرىستىن يىشىش جەريانىدا قايسى بۈلەكنى يىشىش جەريانىدا خاتالىق كۈرۈلگەن بولسا خاتالىق كۈرۈلگەن شۇ بۈلەكنى ئۈچۈرۋېتىپ، شۇ بۈلەك ھۆججەتنىلا قايتىدىن چۈشۈرۈپ پىرىستىن يىشىش مەشخۇلاتىنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ.

سېستىما قاچىلىغاندا سېستىما بىلەن بىللە تەمىنلەنگەن 优启通EasyU_3.7.2022.0801 قۇرالىدىن پايدىلىنىپ بارماق دىسكىدىن قوزغىلىدىغان winpeدىن بىرنى تەييار قىلىۋېلىپ قاچىلىشىڭىزنى تەۋسىيەلەيمىز. مەزكۇر winpeقۇرالىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى ھېچقانداق ئۈچىنچى تەرەپ ئېلانلىرى قۇشۇلمىغان، winpeمۇھىتىدا بىۋاستە تور بەتلەرنى زىيارەت قىلىشقا بۇلىدۇ. مۇبادا ياساشنى بىلمىسىڭىز مۇشۇ يازمىدا مۇشۇ يۇمشاق دېتالدىن پايدىلىنىپ winpeدىن قوزغىلىدىغان بارماق دىسكا ياساش سىن دەرىسلىكى بىللە قالدۇرۇلغان، پايدىلانسىڭىز بۇلىدۇ.
ئالاھىدە ئەسكەرتىشكە تىگىشلىكى شۇكى بۇنداق winpeدىن قوزغىلىدىغان بارماق دىسكا ياسىغان ۋاقتىڭىزدا بارماق دىسكىڭىزدىكى ماتىرياللىرىڭىزنىڭ ھەممىسى ئۈچۈرۈلۈپ كىتىدۇ، شۇڭلاشقا ئېھتىيات بىلەن ئۇچۇرلىرىڭىزنىڭ يۇقاپ كىتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن زاپاسلىۋېلىپ مەشخۇلاتتا بۇلۇشىڭىزنى ئەسكەرتىمىز.

سېستىمىنى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن تۈۋەندىكى باسقۇچىلارنى ئەگىشىپ مەشخلات قىلىپ تاماملىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن سېستىما دېسكىسىدا ئىگەللەيدىغان بوشلۇق تۈۋەندىكى رەسىمدىكىدەك

ئىزاھات:سېستىمام تورى تەرىپىدىن تارقىتىلغان سېستىمىلار ھەقلىق ھالەتتە بۇلۇپ، چۈشۈرۈش ۋە قاچىلاش ئۈچۈن ئالدىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايدۇ، پەقەت قاچىلىنىش جەريانىدا چىققان ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاش ئارقىلىق قاچىلاش نۇمۇرى سېتىۋېلىپ ئىشلىتىسز، پۈتكۈل جەريان ئاپتۇماتىك ھالەتتە، ھەرگىزمۇ ئادەملىك مۇلازىمەت يوق. قاچىلاش نۇمۇرى سېتىۋالغانلىقىڭىز ھەرگىزمۇ سىزنىڭ سېستىما ۋە يۇمشاق دېتاللارنىڭ ھەقىقى نەشىرىنى سېتىۋالغانلىقىڭىزنى بىلدۈرمەيدۇ، پەقەت بىزنىڭ بۇ سېستىمىلارنى ئىككىنچى قېتىملىق قۇلايلىق ھالەتتە تەييارلىغانلىقىمىزنىڭ ئەجىر ھەققىدىنلا ئىبارەت، ئادەتتە قىستۇرما قاچىلانغان سېستىمىلارنىڭ بىر قېتىملىق قاچىلاش نۇمۇرىنى 30يۈەن، قىستۇرما قاچىلانمىغان سېستىمىلارنىڭ بىر قېتىملىق قاچىلاش نۇمۇرىنى 15يۈەن، ئىشخانا ئاپتۇماتلاشتۇرۇش سېستىمىللىرىنىڭ بىر قېتىملىق قاچىلاش نۇمۇرىنى 5يۈەندىن سېتىۋېلىپ كومپىيۇتىرىڭىزغا قاچىلاپ ئىشلەتسىڭىز بۇلىدۇ.مۇبادا بىرەرسى سىز بىلەن سېستىما توغرىسىدا ئالاقىدە بولسا ۋە ياكى قاچىلاش تەڭشەش جەريانىدا پۇل سورىسا ھەممىسى ئالدامچىلىق، سېستىمام تورى تەرىپىدىن تارقىتىلغان سېستىمىلارنىڭ قاچىلاش نۇمۇرىنى ئادەتتە ئالدىن ھاسىللىغىلى بولمايدۇ، بىر كومپىيۇتىر بىلەن يەنە بىر كومپىيۇتىرنىڭ قاچىلاش نۇمۇرى قەتئىي ئوخشىمايدۇ. سېستىما قاچىلاش جەريانىدا يۇلۇققان مەسىلىلەرنى سېستىمام تورى ۋېيشىن تۇپى ئارقىلىق سۈرۈشتۈرسىڭىز ۋە باشقا كەسىپداشلار بىلەن ھەمبەھىرلەنسىڭىز بۇلىدۇ.