مەزكۇر سېستىما win11 22H2نەشىرىگە قارىتا بىر قىسىم ئەلالاشتۇرۇشلارنى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن ئادوبىنىڭ سىن سۈرەت تەھرىرلىگۈچىلەر كۆپ ئىشلىتىدىغان بىر قىسىم يۇمشاق دېتاللىرى، ئېدىيۇس يۇمشاق دېتالى،داۋىنىچ يۇمشاق دېتالى ۋە ۋىندوۋىسقا قارىتا بىر قىسىم يۇمشاق دېتاللار قۇشۇپ توپلاشتۇرۇش ۋە ئەلالاشتۇرۇپ تەڭشەش قاتارلىق مەشخۇلاتلار ئېلىپ بېرىلدى.

ئۇندىن باشقا سىن تەھرىرلەش ئىشلىرىدا كۆپ ئىشلىتىدىغان قىستۇرمىلار قاچىلىنىپ تەييارلاندى

سېستىمىنىڭ كۈرۈنمە يۈزى

ئاساسلىق قاچىلانغان يۇمشاق دېتاللار تۈۋەندىكىچە:

1.Adobe_After_Effects_2023_23.0.0.59_ACR15.0_SP_20221018

2.Adobe_Audition_2023_23.0.0.54_SP_20221018
3.Adobe_Media_Encoder_2023_23.0.0.57_SP_20221018

4.Adobe_Photoshop_2023_24.0.0.59_ACR15.0_SP_20221018

5.Adobe_Premiere_Pro_2023_23.0.0.63_SP_20221018

6.01.EDIUS 8.5.3免断网中文自动激活版

7.DaVinci Resolve Studio v18.0.1

8.CorelDRAW2022

9.喜迎3D电子相册系统

10.剪映专业版

11.恒星播放器
12.ImageGlass(浏览图片软件)
13.WinRAR解压软件(无广告处理版本)
14.Office_Pro_Plus_2019 Project Visio_x64_zh_CN_VL_2022-09
15.geek_1.4.7.142
16.QQ浏览器
17.IDM下载软件

18.FastCopy

19.阿香婆刻录软件

20.其他必备软件

مەزكۇر سېستىمىغا قارىتا ئادوبى يۇمشاق دېتاللىرىغا ئادوبى يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ 2023نەشىرىنىڭ 2022-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى يىڭىلانغان نۇسخىسى قاچىلاپ تەڭشەپ ئەلالاشتۇرۇلدى.

Adobe_After_Effects_2023_23.0.0.59_ACR15.0_SP_20221018يۇمشاق دېتالىغان قارىتا ھەرخىل ئەندىزىلەرنى ئۆزگەرتىش جەريانىدا لازىم بۇلىدىغان قىستۇرمىلار قاچىلىنىپ تەڭشەش ئېلىپ بېرىلدى.

Adobe_Premiere_Pro_2023_23.0.0.63_SP_20221018 يۇمشاق دېتالىغا قارىتا ھەرخىل مەيدان ئالمىشىش، تېرە سېلىقلاش، تەۋرىنىشنى مۇقۇمداش، رەڭ تەڭشەش ۋە تەييار LUT ئۈنۈملەر، نۇر زەررىچە قىستۇرمىللىرى قاتارلىق قوللىنىشچان قىستۇرمىلار … قاچىلاپ تەڭشەپ ئەلالاشتۇرۇلدى. مۇبادا تۇنجى قېتىم Adobe_Premiere_Pro_2023_23.0.0.63_SP_20221018خاتالىق چىقىرىپ قوزغالماي قالسا چىققان خاتالىق ئۇچۇرىنى مۇقۇملاشتۇرۋەتكەندىن كېيىن قوزغۇتۇش پىروگراممىسىنى ھەر قېتىم مۇقۇملاشتۇرۇپ ئۈچ قېتىم ئىجرا قىلغاندا نورمال قوزغىلىدۇ، بۇ پەقەت كومپىيۇتىرىڭىزدا پىرىمىرنىڭ تۇنجى قېتىم قوزغالغاندىلا كۈرۈلىدىغان ئەھۋال، بۇ ئەھۋال قايتا كۈرۈلمەيدۇ.

Edius8.5نەشىرىگە قارىتا بىر كونوپكا بىلەن قاچىلىنىدىغان ۋە ئاكتىپلىنىدىغان نۇسخىسى قاچىلاندى، مۇبادا ئىشلىتىش جەريانىدا ئاكتىپلاڭ دەپ تۇرىۋالسا ئۈستەل يۈزىدىكى قىزىل رەڭدىكى ED自动激活 دىگەن سىن بەلگىنى چىكىۋەتسىڭىزلا Edius8.5ئاپتۇماتىك ئاكتىپلىنىدۇ. مۇبادا ئاكتىپلانماي قالسا بۇ مەشخلاتنى ئۇدا تەكرا ئۈچ قېتىم داۋاملاشتۇرسىڭىز بۇلىدۇ.ئۇندىن باشقا ھەرخىل مەيدان ئالمىشىش، تېرە سېلىقلاش، تەۋرىنىشنى مۇقۇمداش، رەڭ تەڭشەش ۋە تەييار LUT ئۈنۈملەر، نۇر زەررىچە قىستۇرمىللىرى قاتارلىق قوللىنىشچان قىستۇرمىلار …قاچىلاندى

مۇبادا ئېدىيۇس نورمال قوزغالماي قالسا تۈۋەندىكى رەسىمدىكىدەك مەشخۇلاتنى ئىجرا قىلىۋەتسىڭىز بۇلىدۇ.

Adobe_Photoshop_2023_24.0.0.59_ACR15.0_SP_20221018يۇمشاق دېتالىغا قارىتا سۈرەتخانىلاردا كۆپ قوللىنىلىدىغان تېرە سېلىقلاش، رەڭ تەڭشەش، سۈزۈش، كىنىشكە سۈرىتى پىشۋاسى، ئاسمان رەڭگىنى ئالماشتۇرۇش … قاتارلىق نۇرغۇنلىغان قوللىنىشچان قىستۇرمىلار ۋە كىڭەيتمىلەر قاچىلىنىپ تەڭشەلدى.

ئەلۋەتتە Adobe_Photoshop_2023_24.0.0.59_ACR15.0_SP_20221018نى ئىشلىتىشتىن بۇرۇنمۇ ئازراق تەڭشەكلەر بار، شۇنىمۇ چۇقۇم تەڭشىشىڭىز كىرەك. رەسىمدىكىدەك

DaVinci Resolve Studio v18.0.1يۇمشاق دېتالىنىڭ مۇقىم نەشىرى قاچىلىنىپ تەڭشەش ۋە ئەلالاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلدى.

Adobe_Audition_2023_23.0.0.54_SP_20221018يۇمشاق دېتالى قاچىلىنىپ مۇۋاپىق دەرىجىدە تەڭشەش ۋە ئەلالاشتۇرۇشلار ئېلىپ بېرىلىدى.


3.Adobe_Media_Encoder_2023_23.0.0.57_SP_20221018يۇمشاق دېتالى قاچىلىنىپ مۇۋاپىق دەرىجىدە تەڭشەش ۋە ئەلالاشتۇرۇشلار ئېلىپ بېرىلىدى.

CorelDRAW2022نىڭ 2022-يىلى 3-ئايدا يىڭىلانغان نۇسخىسى قاچىلىنىپ تەڭشەش ۋە ئەلالاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلدى.

قىسمەن كومپىيۇتىرلاردا CorelDRAW2022قوزغالغاندا تۈۋەندىكىدەك ئۇچۇر چىقشى مۇمكىن، بۇنىڭ ئىشلىتىشىڭىزگە ھېچقانداق تەسىرى يوق، مۇقۇملاشتۇرۋەتسىڭىز CorelDRAW2022نورمال قوزغىلىش ھالىتىگە كىرىدۇ.

سىن كۈرۈش يۇمشاق دىتالىغا 恒星播放器 قاچىلىنىپ تەڭشەلدى، ئارتۇقچىلىقىنى سۆزلەش بىھاجەت، قالغىنى ئىشلىتىش جەريانىدا ھېس قىلىپ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قالىسىز.

پىرىستىن يىشىش يۇمشاق دېتالىغا قارىتا WinRAR نىڭ ئېلانسىز نۇسخىسى قۇشۇلدى.

مۇبادا مەزكۇر سېستىمىنى ئىشلىتىش جەريانىدا بىر قىسىم يۇمشاق دېتاللارنى ئارتۇقچە ھېس قىلسىڭىز پاكىز ئۈچۈرۈپ يۇيۇۋېتىشڭىز، كومپىيۇتىرىڭىزدا ھېچقانداق قالدۇق، ئىزلىرى قالماسلىقى ئۈچۈن geek يۇمشاق دېتالى قۇشۇلدى. بۇ قۇرالدىن پايدىلىنىپ ئىشلەتمەيدىغان يۇمشاق دېتال ۋە قىستۇرمىلارنى ئۈچۈرسىڭىز يۇمشاق دېتالنى ئۈچۈرگەندىن سىرىت يەنە 注册表دىن باشلاپ تازىلاش ئېلىپ بېرىپ كومپىيۇتىرىڭىزغا ئارتۇقچە يۈك بۇلۇپ تۇرۇشتىن ساقلىنالايسىز.

رەسىم كۈرۈشكە نىسپەتەن ImageGlass يۇمشاق دىتالى قۇشۇلدى، ئىقتىدارىنىڭ مۇكەممەللىكىدىن بۇندىن كېيىن كومپىيۇتىرىڭىزدا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم قۇرال قىلىۋالىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمىز.

تور كۆرگۈچكە نىسپەتەن QQتور كۆرگۈچىنىڭ بىر قىسىم ئىقتىدارلىرىغا نىسپەتەن تەڭشەش ئېلىپ بېرىلغان ئاساستا قاچىلاش تەڭشەش ئېلىپ بېرىلدى.

مىكروسوفىت شىركىتى تارقاتقان چۈشۈرۈش سۈرئىتىگە ھېچقانداق چەك قويمايدىغان چۈشۈرۈش قۇرالى IDMقاچىلىنىپ تەڭشەلدى، مەۋھۇم چۈشۈرۈش ئادرىسى سېستىما دىسكىسىنىڭ 下载ھۆججەت قىسقۇچى بۇلۇپ، ئىشلىتىش جەريانىدا ئېھتىياجىڭىزغا قارىتا تەڭشەش ئېلىپ بارسىڭىز بۇلىدۇ.

مەخسۇس ھۆججەت كۈچۈرۈش ئۈچۈن FastCopy يۇمشاق دېتالى قۇشۇلدى. بۇ ئارقىلىق ھۆججەتلەرنى كۈچۈرگىنىڭىزدە خاتالىق كۈرۈلۈش قاتارلىق تاساددىبىي ئەھۋاللاردىن ساقلىنالايسىز.

كومپىيۇتىرىڭىزدىن ماتىريال ئىزدەشكە قۇلايلىق بولسۇن ئۈچۈن مەخسۇس Everything-v1.4.1.1022-Lite-Finalنىڭ يېشىللاشتۇرۇلغان نۇسخىسى قاچىلاندى.

مۇبادا كومپىيۇتىرىڭىزنىڭ قوزغاتقۇچلىرىنى ئورگان تورىدىن چۈشۈرۈپ قاچىلاپ يىڭىلاشقا ئېرىنسىڭىز بۇ قۇرالدىن پايىدىلانسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.

مۇبادا ئوپتىك دېسكا ئۇيۇشقا ئېھتىياجىڭىز بولسا بۇ يۇمشاق دېتالدىن پايدىلانسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.

مۇبادا ئېكراننى سىنغا ئېلىش ۋە ھەرخىل رەسىم، سىن فورماتلىرىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز ئۇنداقتا بۇ قۇرال سىزنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشىڭىز بۇلالايدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا يۇمشاق دېتاللارغىمۇ ئۈزىگە خاس ئەلالاشتۇرۇش ۋە تەڭشەشلەر مۇۋاپىق دەرىجىدە ئېلىپ بېرىلىپ ئىشلەتكۈچىلەرگە قۇلايلىقلار يارىتىلدى.

 

سېستىما بەيدۇ تور دىسكىسى، تىيەنيى بۇلۇت تور دىسكىسى ۋە شۈنلېي تور دىسكىللىرىدا ماس ھالدا تەمىنلەنگەن، ئېھتىياجىڭىزغا قاراپ مەلۇم بىرسىدىن چۈشۈرسىڭىزلا كۇپايە.مۇبادا سېستىمىنى چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن پىرىستىن يىشىشتە قىينالسىڭىز تۈۋەندىكى دەرىسلىكتىن پايدىلانسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.

bandizipيۇمشاق دېتالدىن پايدىلىنىپ بۈلەككە بۈلۈنگەن ھۆججەتلەرنى پىرىستىن يىشىش ئۇسۇلى

مەزكۇر سېستىما ئەنئەنىۋى ھالەتتىكى GHOھالەتتە بولماستىن بەلكى esdھالەتتە، esdھۆججىتىنىڭ سىغىمى 31.2GB كىلىدۇ، سېستىما دىسكىسدا تەخمىنەن83.4GB ئەتراپىدا بوشلۇقنى ئىگەللەيدۇ. تەۋسىيەلىك قاچىلاش بوشلۇقى 120GBھالەتتە.

قاتتىق دېتال جەھەتتە:ئىنتىل ياكى سەنشىڭنىڭ NVMEقاتتىق دېسكىسى ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيەلەيمىز.مۇبادا ماتىريال ساقلاشتا NAS ھالەتتكى ساقلىغۇچ ئىشلەتكەن بولسىڭىز 4Kھالەتتىكى سىن تەھرىرلەشتە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش سۈرئىتىڭىزنىڭ 10000MBگە يىتىشىنى تەۋسىيەلەيمىز. باشقا تەپسىلاتلارنى تۈۋەندىكى سەپلىمە تەلىپىدىن چۈشۈنىۋالسىڭىز بۇلىدۇ.

كومپىيۇتىر سەپلىمىسىگە قارىتا قۇيىلىدىغان تەلەپ:

Adobe2023يۇمشاق دېتاللىرىغا نىسپەتەن ئەڭ تۈۋەن بولغاندىمۇ تۈۋەندىكىدەك سەپلىمە بۇلۇشى كىرەك.

 

سېستىما قاچىلىغاندا سېستىما بىلەن بىللە تەمىنلەنگەن 优启通EasyU 3.7.2022.0910 قۇرالىدىن پايدىلىنىپ بارماق دىسكىدىن قوزغىلىدىغان winpeدىن بىرنى تەييار قىلىۋېلىپ قاچىلىشىڭىزنى تەۋسىيەلەيمىز. مەزكۇر winpeقۇرالىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى ھېچقانداق ئۈچىنچى تەرەپ ئېلانلىرى قۇشۇلمىغان، winpeمۇھىتىدا بىۋاستە تور بەتلەرنى زىيارەت قىلىشقا بۇلىدۇ. مۇبادا ياساشنى بىلمىسىڭىز مۇشۇ يازمىدا مۇشۇ يۇمشاق دېتالدىن پايدىلىنىپ winpeدىن قوزغىلىدىغان بارماق دىسكا ياساش سىن دەرىسلىكى بىللە قالدۇرۇلغان، پايدىلانسىڭىز بۇلىدۇ.
ئالاھىدە ئەسكەرتىشكە تىگىشلىكى شۇكى بۇنداق winpeدىن قوزغىلىدىغان بارماق دىسكا ياسىغان ۋاقتىڭىزدا بارماق دىسكىڭىزدىكى ماتىرياللىرىڭىزنىڭ ھەممىسى ئۈچۈرۈلۈپ كىتىدۇ، شۇڭلاشقا ئېھتىيات بىلەن ئۇچۇرلىرىڭىزنىڭ يۇقاپ كىتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن زاپاسلىۋېلىپ مەشخۇلاتتا بۇلۇشىڭىزنى ئەسكەرتىمىز.

مۇبادا ياساشتا قىينىلىمەن دەپ قارىسىڭىز تۈۋەندىكى سىن دەرىسلىكتىن پايدىلانسىڭىز بۇلىدۇ.

优启通EasyU_3.7.2022.0801دىن پايدىلىنىپ بارماق دېسكىدىن قوزغىلىدىغان winpeنى ياساش ئۇسۇلى

مۇبادا سېستىما قاچىلاش جەريانىدا قىينىلىمەن دەپ قارىسىڭىز تۈۋەندىكى سىن دەرىسلىك ياكى رەسىملىك چۈشەندۈرۈشلەردىن خالىغان بىرسىدىن پايدىلانسىڭىز بۇلىدۇ. (دەرىسلىكلەر ئونۋىرسال ھالەتتە تۈزۈلگەن بۇلۇپ سېستىمام تورى تەرىپىدىن تارقىتىلغان بارلىق سېستىمىلارغا بىردەك ماس كىلىدۇ.

سېستىمام تورى تارقاتقان سېستىمىلارنى قاچىلاشنىڭ ئونۋېرسال رەسىملىك چۈشەندۈرۈلمىسى

سېستىمام تورىدىكى سېستىمىلارنى قاچىلاشنىڭ سىن دەرىسلىكى

سېستىمىنى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم تۈۋەندىكى رەسىمدىكى چۈشەندۈرۈش بۇيىچە تەڭشەش ئېلىپ بېرىشىڭىزنى تەۋسىيەلەيمىز.

سېستىما قاچىلىنىپ تۇنجى قېتىم كۆزنەككە كىرگەندە ئاپتۇماتىك تۈۋەندىكىدەك پىروگراممىلار قوغىلىدۇ، ھەرگىزمۇ جىددىيلەشمەيمىز، تۈۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك تەرتىپلەر بۇيىچە مەشخلات قىلساقلا كۇپايە.

1.رەسىمدىكىدەك ھالەتتىكى ئۇچۇرلار ئارقىلىق ئالبۇم ئىشلەش سېستىمىسىنى ئاكتىپلىۋالسىز.

2.ئېدىيۇسقا قارىتا NewBlueقىستۇرمىسىنى ئاپتۇماتىك مەشخلاتقا ئەگىشىپ تاماملايمىز.ئالاھىدە ئەسكەرتىشكە تىگىشلىكى شۇكى بۇ ئۈچ يۇمشاق دېتالنىڭ قاچىلاش يۈنىلىشى ئالمىشىپ كەتسە بولمايدۇ، رەسىمدە كۆرسىتىلگەن بۇيىچە مەشخۇلاتتا بۇلىشىڭىزنى تەۋسىيەلەيمىز، مۇبادا بۇ قىستۇرمىنى ئىشلەتمەيمەن دىسىڭىز قاچىلىمىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

4. رەسمىدىكى سېتىرىلكا بىلەن كۆرسىتىلگەننى چىكىپ تۇنجى قېتىم كومپىيۇتىرىڭىزنى ئەلالاشتۇرۇش ئېلىپ بارسىڭىز بۇلىدۇ.

3. بۇ باسقۇچتا قىسمەن كومپىيۇتىرلاردا ۋاقىت سەل ئۇزۇن كىتىپ قېلىش ياكى قېتىش ئەھۋالى كۈرۈلىشى مۇمكىن، بۇ نورمال ئەھۋال، سېستىما ئاكتىپلىنىپ بولغاندىن كېيىن نورمال ھالەتكە ئۈتىدۇ، شۇڭلاشقا سەۋىرچانلىق بىلەن ساقلايمىز.

ئىزاھات:سېستىمام تورى تەرىپىدىن تارقىتىلغان سېستىمىلار ھەقلىق ھالەتتە بۇلۇپ، چۈشۈرۈش ۋە قاچىلاش ئۈچۈن ئالدىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايدۇ، پەقەت قاچىلىنىش جەريانىدا چىققان ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاش ئارقىلىق قاچىلاش نۇمۇرى سېتىۋېلىپ ئىشلىتىسز، پۈتكۈل جەريان ئاپتۇماتىك ھالەتتە، ھەرگىزمۇ ئادەملىك مۇلازىمەت يوق. قاچىلاش نۇمۇرى سېتىۋالغانلىقىڭىز ھەرگىزمۇ سىزنىڭ سېستىما ۋە يۇمشاق دېتاللارنىڭ ھەقىقى نەشىرىنى سېتىۋالغانلىقىڭىزنى بىلدۈرمەيدۇ، پەقەت بىزنىڭ بۇ سېستىمىلارنى ئىككىنچى قېتىملىق قۇلايلىق ھالەتتە تەييارلىغانلىقىمىزنىڭ ئەجىر ھەققىدىنلا ئىبارەت، ئادەتتە قىستۇرما قاچىلانغان سېستىمىلارنىڭ بىر قېتىملىق قاچىلاش نۇمۇرىنى 30يۈەن، قىستۇرما قاچىلانمىغان سېستىمىلارنىڭ بىر قېتىملىق قاچىلاش نۇمۇرىنى 15يۈەن، ئىشخانا ئاپتۇماتلاشتۇرۇش سېستىمىللىرىنىڭ بىر قېتىملىق قاچىلاش نۇمۇرىنى 5يۈەندىن سېتىۋېلىپ كومپىيۇتىرىڭىزغا قاچىلاپ ئىشلەتسىڭىز بۇلىدۇ.مۇبادا بىرەرسى سىز بىلەن سېستىما توغرىسىدا ئالاقىدە بولسا ۋە ياكى قاچىلاش تەڭشەش جەريانىدا پۇل سورىسا ھەممىسى ئالدامچىلىق، سېستىمام تورى تەرىپىدىن تارقىتىلغان سېستىمىلارنىڭ قاچىلاش نۇمۇرىنى ئادەتتە ئالدىن ھاسىللىغىلى بولمايدۇ، بىر كومپىيۇتىر بىلەن يەنە بىر كومپىيۇتىرنىڭ قاچىلاش نۇمۇرى قەتئىي ئوخشىمايدۇ. سېستىما قاچىلاش جەريانىدا يۇلۇققان مەسىلىلەرنى سېستىمام تورى ۋېيشىن تۇپى ئارقىلىق سۈرۈشتۈرسىڭىز ۋە باشقا كەسىپداشلار بىلەن ھەمبەھىرلەنسىڭىز بۇلىدۇ.