ئىشلەتكلۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن فىلىم-سۈرەتچىلىك سېستىمىسىغا بولغان ئېھتىياجمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. مەزكۇر سېستىمىغا Adobe2022نىڭ توي-فىلىم ئىشلىگۈچىلەر ئادەتتە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان يۇمشاق دېتاللىرى ۋە Edius8.5مۇقىم نەشىرى توپلاشتۇرۇلغان بۇلۇپ، يۇمشاق دېتاللارغا ھېچقانداق ئۈچىنچى تەرەپ قىستۇرمىلار قاچىلانمىغان، پاكىز ھالەتتە، ئىشلەتكۈچىلەر كېيىنچە ئۆزى ئېھتىياجلىق ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان قىستۇرمىلارنى قاچىلاپ تەڭشىۋالسىلا ئۆزىڭىزنىڭ فىلىم-سۈرەتچىلىك سېستىمىسىنى تەييار قىلىۋالايسىز، لېكىن مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئىشلەتكۈچىلەر نۇرغۇنلىغان قىستۇرمىلار توپلاشتۇرۇلغان سېستىمىنى كومپىيۇتىرىغا قاچىلىغاندىن كېيىنمۇ ئۇ قىستۇرمىلارنى بىرەر قېتىممۇ ئىشلەتمەي كومپىيۇتىرغا يۈك قىلىپ تۇرغىنى تۇرغان ئىكەن، شۇ سەۋەپتىن بۇ پاكىز نۇسخىدىكى فىلىم-سۈرەتچىلىك سېستىمىسى ئوتتۇرغا چىقىرىلدى، ئېھتىياجىڭىزغا قاراپ چۈشۈرۈپ قاچىلاپ ئىشلەتسىڭىز بۇلىدۇ. سېستىما بەيدۇ تور دىسكىسى، شۈنلېي تور دسكىسى، تىيەنيى بۇلۇت تور دىسكىسى ۋە چېڭتۇڭ تور دىسكىللىرىدا ماس ھالدا تەمىنلەنگەن، ئېھتىياجىڭىزغا قاراپ مەلۇم بىرسىدىن چۈشۈرسىڭىزلا كۇپايە، ئاندىن چۈشۈرگەندە 优启通EasyU_3.7.2022.0620 ئىسىمدىكى پىرىسلانغان ھۆججەتتىن بىرسى چۈشىدۇ، بۇ مەخسۇس WINPEھالەتتىكى بارماق دىسكا ياسايدىغان قۇرال، ئاندىن Adobe2022+Edius8.5 V2.0.part1دىن Adobe2022+Edius8.5 V2.0.part6گىچە بولغان ئالتە بۈلەك پىرىس ھۆججەت چۈشىدۇ، سىز بۇ ئالتە بۈلەك ھۆججەتنىڭ ھەممىسىنى پىرىستىن يىشىشىڭىزنىڭ زۈرۈرىيتى يوق، خالىغان بىر بۈلەك پىرىس ھۆججەتنى پىرىستىن يىشىشكە بۇيرۇق بەرسىڭىز قالغان بۈلەكلەرنى ئاپتۇماتىك يىتەكلەپ پىرىستىن يىشىپ ئەڭ ئاخرىدا سىغىمى چوڭ بولغان كىڭەيتىلگەن نامى wimبولغان ھۆججەتىن بىرنى ھاسىللايدۇ. بۇ دەل سىزنىڭ كومپىيۇتىرىڭىزغا قايتۇرماقچى بولغان سېستىمىڭىز شۇ، ئۇنى قايتىدىن يەنە پىرىستىن يىشىشىڭىزنىڭ زۈرۈرىيتى يوق. سىز كومپىيۇتىرىڭىزنى ياسىۋالغان WINPE ئارقىلىق قايتۇرسىڭىزلا بۇلىدۇ.
سېستىمىغا WIN11商业版64位21H2正式版22000.795MSDN7月原版镜像 ئىشلىتىلگەن ھەمدە مۇۋاپىق ھالدا تەڭشەش ئېلىپ بېرىلغان. مەزكۇر سېستىما ئەنئەنىۋى ھالەتتىكى GHOھالەتتە بولماستىن بەلكى WIMھالەتتە، WIMھۆججىتىنىڭ سىغىمى 23.5GBكىلىدۇ، قاچىلانغاندىن كېيىن تەخمىنەن 55GBئەتراپتا بوشلۇق ئىگەللەيدۇ، تەۋسىيەلىك قاچىلاش بوشلۇقى 65GB~70GBھالەتتە.
تەۋسىيە:سېستىمىنى قاچىلاشتىن بۇرۇن چۇقۇم سېستىما بىلەن بىللە تەمىنلەنگەن WINPEياساش قۇرالىدىن پايدىلىنىپ بارماق دېسكىدا قوزغىلىدىغان WINPEدىن بىرنى تەييار قىلىۋېلىڭ، ئاندىن سېستىما قاچىلاڭ، ئۈزۈمدە تەييار ھالەتتىكى WINPE بارغۇ دەپ(بىر قىسىم WINPEياسايدىغان يۇمشاق دېتاللارغا شۇ دېتالنىڭ ھەر خىل ئېلانلىرى قۇشۇلغان) كومپىيۇتىرىڭىزنى قالايمىقان ئېلانلارغا توشقۇزۇۋېلىپ بىزدىن كۆرسىڭىز توغرا بولمايدۇ. سېستىما بىلەن بىللە تەمىنلەنگەن WINPEياساش قۇرالىدىن پايدىلىنىپ WINPEياسىۋالسىڭىز بۇلىدۇ، بۇ خىل ياسالغان WINPEنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى بىۋاستە تور بەت زىيارەت قىلىشقا بۇلىدۇ،ھېچقانداق ئېلان قۇشۇلمىغان، پاكىز ھالەتتە.
سېستىمىنىڭ كۈرۈنمە يۈزى:
ئۈستەل يۈزى كۈرۈنمە يۈزى
سېستىمىغا قاچىلانغان يۇمشاق دېتاللار تۈۋەندىكىچە:
1.Adobe After Effects 2022 22.2.1
2.Adobe Premiere Pro 2022 22.2.0
3.Adobe Photoshop 2022 23.3.0
4.Adobe LightRoom 11.3 (cameraw14.3)
5.Adobe Media Encoder 22.2
6.Edius8.5稳定版
7.剪映专业版
8.完美解码器
9.ImageGlass(浏览图片软件)
10.360压缩v4.0.0.1310绿化版(无广告处理版本)
11.Microsoft Office_Pro_Plus_2021_LTSC Project Visio_x64_zh_CN_VL_2022-06
12.geek_1.4.7.142
13.腾讯电脑管家
14.其他必备软件