مەزكۇر سېستىما سۈرەت بىر تەرەپ قىلىدىغانلار ئۈچۈن تەييارلانغان بۇلۇپ ئادوبى يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ 2023-يىلى 8-ئايدا يىڭىلانغان نەشىرى WIN10 64bit 22H2 19045.3324MSDN8 مۇقىم نەشىرى مۇۋاپىق ھالەتتە قايتىدىن ئىخچاملىنىپ (يەنى سۈرەت بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا بىزنىڭ ئېھتىياجىمىز چۈشمەيدىغان قىسىملىرى دىمەكچى) تۈزۈلدى.

مەزكۇر سېستىمىغا ھېچقانداق ئۈچىنچى تەرەپ قىستۇرما قاچىلانمىغان پاكىز ھالەتتىكى سېستىما، چۈشۈرۈشتىن بۇرۇن بۇ ئۇچۇرغا دىققەتتە بولغايسىز

سېستىما كۈرۈنمە يۈزىدىن كەسمە سۈرەت

ئاساسلىق قاچىلانغان يۇمشاق دېتاللار

  1. Adobe_Photoshop_2023_24.7.0.643_ACR15.4.1
  2. Adobe_Lightroom_Classic_12.4.0
  3. Adobe_Bridge_2023_13.0.3.693_ACR15.4_SP
  4. Capture One 23 Pro v16.2.3.1463

سېستىما ماس ھالدا بەيدۇ تور دىسكىسى، شۈنلېي تور دىسكىسى ۋە تىيەنيى تور دىسكىسىغا ھەمبەھىرلەنگەن بۇلۇپ ئۈزىڭىزگە ماس كىلىدىغان بىر مەنبەدىن چۈشۈرۋالسىڭىز بۇلىدۇ

پايدىلانمىلار:

سېستىمام تورى تەۋسىيەلىگەن PEقۇرالىنى چۈشۈرۈش ۋە ئىشلىتىش توغرىسىدا

SGIقۇرالىدىن پايدىلىنىپ سېستىما قايتۇرۇش دەرىسلىكى

bandizipيۇمشاق دېتالدىن پايدىلىنىپ بۈلەككە بۈلۈنگەن ھۆججەتلەرنى پىرىستىن يىشىش ئۇسۇلى

سېستىمام تورىدىكى سېستىمىلارنى قاچىلاشنىڭ سىن دەرىسلىكى

سېستىما زاپاسلاش ۋە قايتۇرۇش رەسىملىك قوللانمىسى

优启通EasyU_3.7.2022.0801دىن پايدىلىنىپ بارماق دېسكىدىن قوزغىلىدىغان winpeنى ياساش ئۇسۇلى

سېستىمام تورى تارقاتقان سېستىمىلارنى قاچىلاشنىڭ ئونۋېرسال رەسىملىك چۈشەندۈرۈلمىسى

ئىزاھات:سېستىمام تورى تەرىپىدىن تارقىتىلغان سېستىمىلار ھەقلىق ھالەتتە بۇلۇپ، چۈشۈرۈش ۋە قاچىلاش ئۈچۈن ئالدىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايدۇ، پەقەت قاچىلىنىش جەريانىدا چىققان ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاش ئارقىلىق قاچىلاش نۇمۇرى سېتىۋېلىپ ئىشلىتىسز، پۈتكۈل جەريان ئاپتۇماتىك ھالەتتە، ھەرگىزمۇ ئادەملىك مۇلازىمەت يوق. قاچىلاش نۇمۇرى سېتىۋالغانلىقىڭىز ھەرگىزمۇ سىزنىڭ سېستىما ۋە يۇمشاق دېتاللارنىڭ ھەقىقى نەشىرىنى سېتىۋالغانلىقىڭىزنى بىلدۈرمەيدۇ، پەقەت بىزنىڭ بۇ سېستىمىلارنى ئىككىنچى قېتىملىق قۇلايلىق ھالەتتە تەييارلىغانلىقىمىزنىڭ ئەجىر ھەققىدىنلا ئىبارەت، ئادەتتە قىستۇرما قاچىلانغان سېستىمىلارنىڭ بىر قېتىملىق قاچىلاش نۇمۇرىنى 30يۈەن، قىستۇرما قاچىلانمىغان سېستىمىلارنىڭ بىر قېتىملىق قاچىلاش نۇمۇرىنى 15يۈەن، ئىشخانا ئاپتۇماتلاشتۇرۇش سېستىمىللىرىنىڭ بىر قېتىملىق قاچىلاش نۇمۇرىنى 5يۈەندىن سېتىۋېلىپ كومپىيۇتىرىڭىزغا قاچىلاپ ئىشلەتسىڭىز بۇلىدۇ.مۇبادا بىرەرسى سىز بىلەن سېستىما توغرىسىدا ئالاقىدە بولسا ۋە ياكى قاچىلاش تەڭشەش جەريانىدا پۇل سورىسا ھەممىسى ئالدامچىلىق، سېستىمام تورى تەرىپىدىن تارقىتىلغان سېستىمىلارنىڭ قاچىلاش نۇمۇرىنى ئادەتتە ئالدىن ھاسىللىغىلى بولمايدۇ، بىر كومپىيۇتىر بىلەن يەنە بىر كومپىيۇتىرنىڭ قاچىلاش نۇمۇرى قەتئىي ئوخشىمايدۇ. سېستىما قاچىلاش جەريانىدا يۇلۇققان مەسىلىلەرنى سېستىمام تورى ۋېيشىن تۇپى ئارقىلىق سۈرۈشتۈرسىڭىز ۋە باشقا كەسىپداشلار بىلەن ھەمبەھىرلەنسىڭىز بۇلىدۇ.