مەزكۇر سېستىمىغا توي فىلىم ئىشلىگۈچىلەر كۆپ ئىشلىتىدىغان Adobe2022يۇمشاق دېتالى بىلەن Edius6.5/9.5 ۋە ئۇنىڭغا ماسلاشتۇرۇلۇپ ئىقتىدارى كۈچلۈك، كۆپ ساندىكى ئىشلەتكۈچىلەر ياقتۇرۇپ ئىشلىتىدىغان قىستۇرمىلار ۋە ماس ھالدىكى رەسىم كۈرۈش، يېزىق بىر تەرەپ قىلىش، فورمات ئۆزگەرتكۈچ، ئوپتىك دىسكا ئويغۇچ ۋە ئالبۇم ئىشلەش سېستىمىسى قاتارلىق يۇمشاق دېتاللار قۇشۇپ توپلاشتۇرۇلدى.

سېستىما كۈرۈنمە يۈزى:

ئاساسلىق قاچىلانغان يۇمشاق دېتاللار تۈۋەندىكىچە:

1.Adobe After Effects 2022
2.Adobe Premiere Pro 2022
3.Adobe Photoshop 2022
4.Adobe LightRoom 2022
5.Adobe Media Encoder 2022

6.Edius6.5/9.5
7.剪映专业版
8.恒星播放器
9.ImageGlass(浏览图片软件)
10.WinRAR解压软件(无广告处理版本)
11.Microsoft Office_Pro_Plus_2021_LTSC Project Visio_x64_zh_CN_VL_2022-06
12.geek_1.4.7.142
13.QQ浏览器
14.阿香婆刻录软件
15.IDM下载软件
16.其他必备软件

ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى مەزكۇر سېستىمىغا قاچىلانغان Adobe After Effects 2022يۇمشاق دېتالىغا ئادەتتە ئەندىزە(موبەن)نى ياقتۇرۇپ ئىشلىتىدىغانلار ئۈچۈن كىرەكلىك بولغان قىستۇرما ۋە脚本 قاتارلىقلارنى تۇلۇق قىلىش، تورىدىن چۈشۈرگەن ئەندىزە(موبەن)لەرنى ئاچقاندا خاتالىق چىقىپ نورمال ئىشلىتەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىقلار كۆرسىتىلدى، ئوتتۇرا ۋە يۇقۇرى سەۋىيەدە ئىشلەتكۈچىلەرنى كۆزدە تۇتۇپ 1900خىلدىن ئارتۇق قىستۇرما ئۈنۈملەر توپلاشتۇرۇلدى.

Adobe Premiere Pro 2022 يۇمشاق دېتالىغا قارىتا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان مەيدان ئالمىشىش ئۈنۈملىرى، تېرە سېلىقلاش، گۈزەللەشتۈرۈش، تىتىرەشتىن ساقلاپ ۋە تۈزەش،ھەرخىل چىراق(نۇر)ئۈنۈم قىستۇرمىللىرى قۇشۇلدى، ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا تىگىشلىكى بۇ نەشىرىدىن ئورگان تەرەپ ئاۋازنى يېزىققا ئايلاندۇرۇش ئىقتىدارىنى قوشتى.

Adobe Photoshop 2022 يۇمشاق دېتالىغا تېرە سېلىقلاپ گۈزەللەشتۈرۈش،ئۇرۇقلىتىش قاتارلىق نۇرغۇنلىغان كۆپ ئىشلىتىلىدىغان قىستۇرما فىلتىر ئۈنۈملىرى قۇشۇلدى. ئۈزىدە بار بولغان 智能神经网络 ئىقتىدار قىستۇرمىسى قۇشۇۋېتىلدى، مۇبادا ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز ئۈزىڭىزنىڭ Adobe ھىسابات نۇمۇرىڭىزنى تىزىملىتىپلا ئىشلىتەلەيسىز، تىزىملىتىپ بولغاندىن كېيىن يەنە قىستۇرمىنى چۈشۈرۈپ تەڭشىشىڭىزنىڭ زۈرۈرىيتى يوق.

Ediusيۇمشاق دېتالىغا نىسپەتەن 6.5 نەشىرى بىلەن 9.5 نەشىرى تاللاپ قاچىلاندى ھەمدە توي فىلىم ئىشلىگۈچىلەر ياقتۇرۇپ ئىشلىتىدىغان قىستۇرما ۋە ۋە مەيدان ئالمىشىش ئۈنۈملىرى تاللار قاچىلاندى.

剪映专业版غا سىرتتىن 40يۈرۈش رەڭ ئالاھىدە LUTئۈنۈمى قۇشۇلدى

سىن كۈرۈش يۇمشاق دىتالىغا قارىتا 恒星播放器 قاچىلىنىپ تەڭشەلدى، ئاتۇقچىلىقىنى سۆزلەش بىھاجەت، قالغىنى ئىشلىتىش جەريانىدا ھېس قىلىپ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قالىسىز.

پىرىستىن يىشىش يۇمشاق دېتالىغا قارىتا WinRAR نىڭ ئېلانسىز نۇسخىسى قۇشۇلدى.

مۇبادا مەزكۇر سېستىمىنى ئىشلىتىش جەريانىدا بىر قىسىم يۇمشاق دېتاللار ۋە قىستۇرمىلارنى ئارتۇقچە ھېس قىلسىڭىز پاكىز ئۈچۈرۈپ يۇيۇۋېتىشڭىز، كومپىيۇتىرىڭىزدا ھېچقانداق قالدۇق، ئىزلىرى قالماسلىقى ئۈچۈن geek يۇمشاق دېتالى قۇشۇلدى. بۇ قۇرالدىن پايدىلىنىپ ئىشلەتمەيدىغان يۇمشاق دېتال ۋە قىستۇرمىلارنى ئۈچۈرسىڭىز يۇمشاق دېتالنى ئۈچۈرگەندىن سىرىت يەنە 注册表دىن باشلاپ تازىلاش ئېلىپ بېرىپ كومپىيۇتىرىڭىزغا ئارتۇقچە يۈك بۇلۇپ تۇرۇشتىن ساقلىنالايسىز.

رەسىم كۈرۈشكە نىسپەتەن ImageGlass يۇمشاق دىتالى قۇشۇلدى، ئىقتىدارىنىڭ مۇكەممەللىكىدىن بۇندىن كېيىن كومپىيۇتىرىڭىزدا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم قۇرال قىلىۋالىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمىز.

تور كۆرگۈچكە نىسپەتەن QQتور كۆرگۈچىنىڭ بىر قىسىم ئىقتىدارلىرىغا نىسپەتەن تەڭشەش ئېلىپ بېرىلغان ئاساستا قاچىلاش تەڭشەش ئېلىپ بېرىلدى.

سالونغا يازما يوللايدىغانلارنى كۆزدە تۇتۇپ ۋولقان سالون تەييارلاش ياردەمچىسى QQتور كۆرگۈچى ۋە Microsoft Edge تور كۆرگۈچىنىڭ كىڭەيتمە قىسمىغا قۇشۇلدى، ۋولقان سالون تەييارلاش ياردەمچىسى ئەسلى ھۆججىتى 我的文档ھۆججەت قىسقۇچىغا قۇيۇلدى، يۇيۇۋېتىشتن ساقلىنىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

مىكروسوفىت شىركىتى تارقاتقان چۈشۈرۈش سۈرئىتىگە ھېچقانداق چەك قويمايدىغان چۈشۈرۈش قۇرالى IDMقاچىلىنىپ تەڭشەلدى، مەۋھۇم چۈشۈرۈش ئادرىسى سېستىما دىسكىسىنىڭ 下载ھۆججەت قىسقۇچى بۇلۇپ، ئىشلىتىش جەريانىدا ئېھتىياجىڭىزغا قارىتا تەڭشەش ئېلىپ بارسىڭىز بۇلىدۇ.

ئوپتىك دىكسا ئۇيۇش كۈچۈرۈش ئىشلىرىغا قارىتا ئۈزى يەڭگىل، كۈرۈنمە يۈزى چىرايلىق، ئىشلىتىش ئىنتايىن قۇلايىلىق، ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان阿香婆刻录软件يۇمشاق دېتالى قۇشۇلدى.

ئۇنىڭدىن باشقا يۇمشاق دېتاللارغىمۇ ئۈزىگە خاس ئەلالاشتۇرۇش ۋە تەڭشەشلەر مۇۋاپىق دەرىجىدە ئېلىپ بېرىلىپ ئىشلەتكۈچىلەرگە قۇلايلىقلار يارىتىلدى.

سېستىمىغا windowes11 21H2نەشىرى ئىشلىتىلگەن ھەمدە مۇۋاپىق ھالدا ئەلالاشتۇرۇلۇپ ئۈزىدە بار بولغان ۋىروسخور ۋە نۇرغۇنلىغان بىز ئادەتتە ئىشلەتمەيدىغان قىسىملىرى قىسقارتىپ ئەلالاشتۇرۇلدى. مەزكۇر سېستىما ئەنئەنىۋى ھالەتتىكى GHOھالەتتە بولماستىن بەلكى WIMھالەتتە، WIMھۆججىتىنىڭ سىغىمى 31.8GB كىلىدۇ، سېستىما دىسكىسدا تەخمىنەن75GB ئەتراپىدا بوشلۇقنى ئىگەللەيدۇ. تەۋسىيەلىك قاچىلاش بوشلۇقى 85GBھالەتتە. 128GBبولغان شاپىلاق دىسكا ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيەلەيمىز.

سېستىما قاتتىق دىسكا تەلىپى بولسا ئەڭ تۈۋەن بولغاندىمۇ (ئىنتىل ۋە Nكارتا ئاساس قىلىندى، AMDۋەA كارتا مۇھىيتىنى مۇشۇ ئاساستا پايدىلنىپ ئىشلەتسىڭىز بۇلىدۇ.) تۆت يادرولۇق مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ، ئەڭ تۈۋەن بولغاندىمۇ 8GB ئىچكى ساقلىغۇچ مۇمكىن بولسا 16GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ، 128GBلىق شاپىلاق دىسكا مۇمكىن بولسا 240gbلىق شاپىلاق دىسكا ۋە 2gbلىق كۆرسىتىش كارتىسى بولغان قاتتىق دېتال شارائىتىدا ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيەلەيمىز.

سېستىما قاچىلىغاندا سېستىما بىلەن بىللە تەمىنلەنگەن 优启通EasyU_3.7.2022.0801 قۇرالىدىن پايدىلىنىپ بارماق دىسكىدىن قوزغىلىدىغان winpeدىن بىرنى تەييار قىلىۋېلىپ قاچىلىشىڭىزنى تەۋسىيەلەيمىز. مەزكۇر winpeقۇرالىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى ھېچقانداق ئۈچىنچى تەرەپ ئېلانلىرى قۇشۇلمىغان، winpeمۇھىتىدا بىۋاستە تور بەتلەرنى زىيارەت قىلىشقا بۇلىدۇ. مۇبادا ياساشنى بىلمىسىڭىز مۇشۇ يازمىدا مۇشۇ يۇمشاق دېتالدىن پايدىلىنىپ winpeدىن قوزغىلىدىغان بارماق دىسكا ياساش سىن دەرىسلىكى بىللە قالدۇرۇلغان، پايدىلانسىڭىز بۇلىدۇ.
ئالاھىدە ئەسكەرتىشكە تىگىشلىكى شۇكى بۇنداق winpeدىن قوزغىلىدىغان بارماق دىسكا ياسىغان ۋاقتىڭىزدا بارماق دىسكىڭىزدىكى ماتىرياللىرىڭىزنىڭ ھەممىسى ئۈچۈرۈلۈپ كىتىدۇ، شۇڭلاشقا ئېھتىيات بىلەن ئۇچۇرلىرىڭىزنىڭ يۇقاپ كىتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن زاپاسلىۋېلىپ مەشخۇلاتتا بۇلۇشىڭىزنى ئەسكەرتىمىز.

پىرىستىن يەشكەندە سېستىما ھۆججەتلىرى بىلەن بىللە تەمىنلەنگەن BANDIZIP-SETUP-STD-X64 يۇمشاق دېتالىنى كومپىيۇتىرىڭىزغا قاچىلاپ پىرىستىن يىشىشڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. مۇبادا پىرىستىن يىشىشتە قىيىنچىلىققا يۇلۇقسىڭىز ياكى بىرەر خاتالىق كۆرسىتىپ تۇرىۋالسا ئالدى بىلەن چۈشۈرگەن ھۆججىتىڭىز تۇلۇق چۈشتىمۇ يوق شۇنى تەكشۈرۋەتكەندىن كېيىن تۈۋەندىكى ئۇلانمىدىن بۈلەككە بۈلۈنگەن ھۆججەتلەرنى پىرىستىن يىشىش دەرىسلىكنى كۈرۈۋېتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

bandizipيۇمشاق دېتالدىن پايدىلىنىپ بۈلەككە بۈلۈنگەن ھۆججەتلەرنى پىرىستىن يىشىش ئۇسۇلى رەسىملىك چۈشەندۈرۈلمىسى

مۇشۇ يەردە ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئەسكەرتىشكە تىگىشلىكى شۇكى: سېستىما ھۆججەتلىرنى چۈشۈرگەندە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە بىردىن بىردىن چۈشۈرۈڭ، چۈشۈرۈش جەريانىدا ئامال بار كومپىيۇتىرڭىزنى قايتا قوزغىتىدىغان ياكى تور ئۈزۈلۈپ قالىدىغان ئەھۋاللاردىن ساقلىنىڭ، مۇبادا پىرىستىن يىشىش جەريانىدا قايسى بۈلەكنى يىشىش جەريانىدا خاتالىق كۈرۈلگەن بولسا خاتالىق كۈرۈلگەن شۇ بۈلەكنى ئۈچۈرۋېتىپ، شۇ بۈلەك ھۆججەتنىلا قايتىدىن چۈشۈرۈپ پىرىستىن يىشىش مەشخۇلاتىنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ.

ئىزاھات:سېستىمام تورى تەرىپىدىن تارقىتىلغان سېستىمىلار ھەقلىق ھالەتتە بۇلۇپ، چۈشۈرۈش ۋە قاچىلاش ئۈچۈن ئالدىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايدۇ، پەقەت قاچىلىنىش جەريانىدا چىققان ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاش ئارقىلىق قاچىلاش نۇمۇرى سېتىۋېلىپ ئىشلىتىسز، پۈتكۈل جەريان ئاپتۇماتىك ھالەتتە، ھەرگىزمۇ ئادەملىك مۇلازىمەت يوق. قاچىلاش نۇمۇرى سېتىۋالغانلىقىڭىز ھەرگىزمۇ سىزنىڭ سېستىما ۋە يۇمشاق دېتاللارنىڭ ھەقىقى نەشىرىنى سېتىۋالغانلىقىڭىزنى بىلدۈرمەيدۇ، پەقەت بىزنىڭ بۇ سېستىمىلارنى ئىككىنچى قېتىملىق قۇلايلىق ھالەتتە تەييارلىغانلىقىمىزنىڭ ئەجىر ھەققىدىنلا ئىبارەت، ئادەتتە قىستۇرما قاچىلانغان سېستىمىلارنىڭ بىر قېتىملىق قاچىلاش نۇمۇرىنى 30يۈەن، قىستۇرما قاچىلانمىغان سېستىمىلارنىڭ بىر قېتىملىق قاچىلاش نۇمۇرىنى 15يۈەن، ئىشخانا ئاپتۇماتلاشتۇرۇش سېستىمىللىرىنىڭ بىر قېتىملىق قاچىلاش نۇمۇرىنى 5يۈەندىن سېتىۋېلىپ كومپىيۇتىرىڭىزغا قاچىلاپ ئىشلەتسىڭىز بۇلىدۇ.مۇبادا بىرەرسى سىز بىلەن سېستىما توغرىسىدا ئالاقىدە بولسا ۋە ياكى قاچىلاش تەڭشەش جەريانىدا پۇل سورىسا ھەممىسى ئالدامچىلىق، سېستىمام تورى تەرىپىدىن تارقىتىلغان سېستىمىلارنىڭ قاچىلاش نۇمۇرىنى ئادەتتە ئالدىن ھاسىللىغىلى بولمايدۇ، بىر كومپىيۇتىر بىلەن يەنە بىر كومپىيۇتىرنىڭ قاچىلاش نۇمۇرى قەتئىي ئوخشىمايدۇ. سېستىما قاچىلاش جەريانىدا يۇلۇققان مەسىلىلەرنى سېستىمام تورى ۋېيشىن تۇپى ئارقىلىق سۈرۈشتۈرسىڭىز ۋە باشقا كەسىپداشلار بىلەن ھەمبەھىرلەنسىڭىز بۇلىدۇ.