مەزكۇر سېستىمىغا توي فىلىم ئىشلىگۈچىلەر كۆپ ئىشلىتىدىغانAE2023+PR2023+PS2023+ME2023+AU2023نىڭ 2022-يىلى 10-ئايدا تارقىتىلغان نۇسخىسى  ۋە ماس ھالدىكى رەسىم كۈرۈش، يېزىق بىر تەرەپ قىلىش، فورمات ئۆزگەرتكۈچ، ئوپتىك دىسكا ئويغۇچ ۋە ئالبۇم ئىشلەش سېستىمىسى قاتارلىق يۇمشاق دېتاللار قۇشۇپ توپلاشتۇرۇلدى.

سېستىما كۈرۈنمە يۈزى:

ئاساسلىق قاچىلانغان يۇمشاق دېتاللار تۈۋەندىكىچە:

1.Adobe_After_Effects_2023_23.0.0.59
2.Adobe_Premiere_Pro_2023_23.0.0.63
3.Adobe Photoshop 2023 v24.0.0.59

4.Adobe_Audition_2023_23.0.0.54
5.Adobe_Media_Encoder_2023_23.0.0.57

6.喜迎3D电子相册系统

7.剪映专业版
8.恒星播放器
9.ImageGlass(浏览图片软件)
10.WinRAR解压软件(无广告处理版本)
11.Microsoft Office_Pro_Plus_2021_LTSC Project Visio_x64_zh_CN_VL_2022-06
12.geek_1.4.7.142
13.QQ浏览器
14.3D-Album-CS_v3.33组合套装
15.IDM下载软件

16.FastCopy

17.ۋولقان سالون ياردەمچىسى
18.其他必备软件

سىن كۈرۈش يۇمشاق دىتالىغا قارىتا 恒星播放器 قاچىلىنىپ تەڭشەلدى، ئارتۇقچىلىقىنى سۆزلەش بىھاجەت، قالغىنى ئىشلىتىش جەريانىدا ھېس قىلىپ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قالىسىز.

پىرىستىن يىشىش يۇمشاق دېتالىغا قارىتا WinRAR نىڭ ئېلانسىز نۇسخىسى قۇشۇلدى.

مۇبادا مەزكۇر سېستىمىنى ئىشلىتىش جەريانىدا بىر قىسىم يۇمشاق دېتاللار ۋە قىستۇرمىلارنى ئارتۇقچە ھېس قىلسىڭىز پاكىز ئۈچۈرۈپ يۇيۇۋېتىشڭىز، كومپىيۇتىرىڭىزدا ھېچقانداق قالدۇق، ئىزلىرى قالماسلىقى ئۈچۈن geek يۇمشاق دېتالى قۇشۇلدى. بۇ قۇرالدىن پايدىلىنىپ ئىشلەتمەيدىغان يۇمشاق دېتال ۋە قىستۇرمىلارنى ئۈچۈرسىڭىز يۇمشاق دېتالنى ئۈچۈرگەندىن سىرىت يەنە 注册表دىن باشلاپ تازىلاش ئېلىپ بېرىپ كومپىيۇتىرىڭىزغا ئارتۇقچە يۈك بۇلۇپ تۇرۇشتىن ساقلىنالايسىز.

رەسىم كۈرۈشكە نىسپەتەن ImageGlass يۇمشاق دىتالى قۇشۇلدى، ئىقتىدارىنىڭ مۇكەممەللىكىدىن بۇندىن كېيىن كومپىيۇتىرىڭىزدا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم قۇرال قىلىۋالىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمىز.

تور كۆرگۈچكە نىسپەتەن QQتور كۆرگۈچىنىڭ بىر قىسىم ئىقتىدارلىرىغا نىسپەتەن تەڭشەش ئېلىپ بېرىلغان ئاساستا قاچىلاش تەڭشەش ئېلىپ بېرىلدى.

سالونغا يازما يوللايدىغانلارنى كۆزدە تۇتۇپ ۋولقان سالون تەييارلاش ياردەمچىسى QQتور كۆرگۈچى ۋە Microsoft Edge تور كۆرگۈچىنىڭ كىڭەيتمە قىسمىغا قۇشۇلدى، ۋولقان سالون تەييارلاش ياردەمچىسى ئەسلى ھۆججىتى 我的文档ھۆججەت قىسقۇچىغا قۇيۇلدى، يۇيۇۋېتىشتن ساقلىنىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

مىكروسوفىت شىركىتى تارقاتقان چۈشۈرۈش سۈرئىتىگە ھېچقانداق چەك قويمايدىغان چۈشۈرۈش قۇرالى IDMقاچىلىنىپ تەڭشەلدى، مەۋھۇم چۈشۈرۈش ئادرىسى سېستىما دىسكىسىنىڭ 下载ھۆججەت قىسقۇچى بۇلۇپ، ئىشلىتىش جەريانىدا ئېھتىياجىڭىزغا قارىتا تەڭشەش ئېلىپ بارسىڭىز بۇلىدۇ.

مەخسۇس ھۆججەت كۈچۈرۈش ئۈچۈن FastCopy يۇمشاق دېتالى قۇشۇلدى. بۇ ئارقىلىق ھۆججەتلەرنى كۈچۈرگىنىڭىزدە خاتالىق كۈرۈلۈش قاتارلىق تاساددىبىي ئەھۋاللاردىن ساقلىنالايسىز.

سالونغا يازما يوللايدىغانلارنى كۆزدە تۇتۇپ ۋولقان سالون تەييارلاش ياردەمچىسى QQتور كۆرگۈچى ۋە Microsoft Edge تور كۆرگۈچىنىڭ كىڭەيتمە قىسمىغا قۇشۇلدى، ۋولقان سالون تەييارلاش ياردەمچىسى ئەسلى ھۆججىتى 我的文档ھۆججەت قىسقۇچىغا قۇيۇلدى، يۇيۇۋېتىشتن ساقلىنىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

ئۇنىڭدىن باشقا يۇمشاق دېتاللارغىمۇ ئۈزىگە خاس ئەلالاشتۇرۇش ۋە تەڭشەشلەر مۇۋاپىق دەرىجىدە ئېلىپ بېرىلىپ ئىشلەتكۈچىلەرگە قۇلايلىقلار يارىتىلدى.

 

سېستىمىغا windowes11 21H2نەشىرى ئىشلىتىلگەن ھەمدە مۇۋاپىق ھالدا ئەلالاشتۇرۇلۇپ ئۈزىدە بار بولغان ۋىروسخور ۋە نۇرغۇنلىغان بىز ئادەتتە ئىشلەتمەيدىغان قىسىملىرى قىسقارتىپ ئەلالاشتۇرۇلدى. مەزكۇر سېستىما ئەنئەنىۋى ھالەتتىكى GHOھالەتتە بولماستىن بەلكى WIMھالەتتە، WIMھۆججىتىنىڭ سىغىمى 20.5GB كىلىدۇ، سېستىما دىسكىسدا تەخمىنەن49.5GB ئەتراپىدا بوشلۇقنى ئىگەللەيدۇ. تەۋسىيەلىك قاچىلاش بوشلۇقى 55GBھالەتتە. 128GBبولغان شاپىلاق دىسكا ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيەلەيمىز.

 

سېستىما قاتتىق دىسكا تەلىپى بولسا ئەڭ تۈۋەن بولغاندىمۇ (ئىنتىل ۋە Nكارتا ئاساس قىلىندى، AMDۋەA كارتا مۇھىيتىنى مۇشۇ ئاساستا پايدىلنىپ ئىشلەتسىڭىز بۇلىدۇ.) تۆت يادرولۇق مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ، ئەڭ تۈۋەن بولغاندىمۇ 8GB ئىچكى ساقلىغۇچ مۇمكىن بولسا 16GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ، 128GBلىق شاپىلاق دىسكا مۇمكىن بولسا 240gbلىق شاپىلاق دىسكا ۋە 2gbلىق كۆرسىتىش كارتىسى بولغان قاتتىق دېتال شارائىتىدا ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيەلەيمىز.

سېستىما قاچىلىغاندا سېستىما بىلەن بىللە تەمىنلەنگەن 优启通EasyU_3.7.2022.0801 قۇرالىدىن پايدىلىنىپ بارماق دىسكىدىن قوزغىلىدىغان winpeدىن بىرنى تەييار قىلىۋېلىپ قاچىلىشىڭىزنى تەۋسىيەلەيمىز. مەزكۇر winpeقۇرالىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى ھېچقانداق ئۈچىنچى تەرەپ ئېلانلىرى قۇشۇلمىغان، winpeمۇھىتىدا بىۋاستە تور بەتلەرنى زىيارەت قىلىشقا بۇلىدۇ.
ئالاھىدە ئەسكەرتىشكە تىگىشلىكى شۇكى بۇنداق winpeدىن قوزغىلىدىغان بارماق دىسكا ياسىغان ۋاقتىڭىزدا بارماق دىسكىڭىزدىكى ماتىرياللىرىڭىزنىڭ ھەممىسى ئۈچۈرۈلۈپ كىتىدۇ، شۇڭلاشقا ئېھتىيات بىلەن ئۇچۇرلىرىڭىزنىڭ يۇقاپ كىتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن زاپاسلىۋېلىپ مەشخۇلاتتا بۇلۇشىڭىزنى ئەسكەرتىمىز.

تىيەنيى بۇلۇت تور دىسكىسى تەمىنلەنگەن، ئېھتىياجىڭىزغا قاراپ مەلۇم بىرسىدىن چۈشۈرسىڭىزلا كۇپايە، چۈشۈرگەندە WIN11=AE+PR+PS+ME+AU2023_2.zip.001 دىن WIN11=AE+PR+PS+ME+AU2023_2.zip.006 گىچە بولغان ئالتە بۈلەك zip فورماتتىكى پىرىس ھۆججەت چۈشىدۇ. سىز بۇلاردىن WIN11=AE+PR+PS+ME+AU2023_2.zip.001 مۇشۇ بىر بۈلەككىلا پىرىستىن يىشىش بۇيرۇقى بەرسىڭىزلا كۇپايە، ھەممىسىنى بىر-بىردىن پىرىستىن يىشىشىڭىزنىڭ زۈرۈرىيتى يوق، پىرىستىن يىشىپ بولغان ۋاقتىڭىزدا سىغىى 20.5GBبولغان، كىڭەيتىلگەن نامى WIM ھالەتتە بولغان ھۆججەتتىن بىرسى ھاسىل بۇلىدۇ، بۇ دەل سىزنىڭ كومپىيۇتىرىڭىزغا قاچىلىماقچى بولغان سېستىمىڭىز شۇ، سىز يۇقارقى سىن دەرىسلىكتە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇل بۇيىچە ياسىۋالغان بارماق دىسكىڭىزدىن پايدىلىنىپ سېستىمىنى كومپىيۇتىرىڭىزغا قاچىلاپ ئىشلەتسىڭىز بۇلىدۇ.

ئەسكەرتىشكە تىگىشلىكى شۇكى: سېستىما ھۆججەتلىرنى چۈشۈرگەندە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە بىردىن بىردىن چۈشۈرۈڭ، چۈشۈرۈش جەريانىدا ئامال بار كومپىيۇتىرڭىزنى قايتا قوزغىتىدىغان ياكى تور ئۈزۈلۈپ قالىدىغان ئەھۋاللاردىن ساقلىنىڭ، مۇبادا پىرىستىن يىشىش جەريانىدا قايسى بۈلەكنى يىشىش جەريانىدا خاتالىق كۈرۈلگەن بولسا خاتالىق كۈرۈلگەن شۇ بۈلەكنى ئۈچۈرۋېتىپ، شۇ بۈلەك ھۆججەتنىلا قايتىدىن چۈشۈرۈپ پىرىستىن يىشىش مەشخۇلاتىنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ.

سېستىمىغا قاچىلانغان بىر قىسىم يۇمشاق دېتاللارنىڭ كەسمە سۈرەتلىرى:

سېستىما كومپىيۇتىرىڭىزغا قاچىلىنىپ بولغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىمدا تۈۋەندىكى باسقۇچىلارنى ئەگىشىپ تاماملىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

سېستىما قاچىلىنىپ بولغاندىن كېيىن سېستىما دېسكىسىدا ئىگەللەيدىغان بوشلۇق تۈۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:

ئىزاھات:سېستىمام تورى تەرىپىدىن تارقىتىلغان سېستىمىلار ھەقلىق ھالەتتە بۇلۇپ، چۈشۈرۈش ۋە قاچىلاش ئۈچۈن ئالدىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايدۇ، پەقەت قاچىلىنىش جەريانىدا چىققان ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاش ئارقىلىق قاچىلاش نۇمۇرى سېتىۋېلىپ ئىشلىتىسز، پۈتكۈل جەريان ئاپتۇماتىك ھالەتتە، ھەرگىزمۇ ئادەملىك مۇلازىمەت يوق. قاچىلاش نۇمۇرى سېتىۋالغانلىقىڭىز ھەرگىزمۇ سىزنىڭ سېستىما ۋە يۇمشاق دېتاللارنىڭ ھەقىقى نەشىرىنى سېتىۋالغانلىقىڭىزنى بىلدۈرمەيدۇ، پەقەت بىزنىڭ بۇ سېستىمىلارنى ئىككىنچى قېتىملىق قۇلايلىق ھالەتتە تەييارلىغانلىقىمىزنىڭ ئەجىر ھەققىدىنلا ئىبارەت، ئادەتتە قىستۇرما قاچىلانغان سېستىمىلارنىڭ بىر قېتىملىق قاچىلاش نۇمۇرىنى 30يۈەن، قىستۇرما قاچىلانمىغان سېستىمىلارنىڭ بىر قېتىملىق قاچىلاش نۇمۇرىنى 15يۈەن، ئىشخانا ئاپتۇماتلاشتۇرۇش سېستىمىللىرىنىڭ بىر قېتىملىق قاچىلاش نۇمۇرىنى 5يۈەندىن سېتىۋېلىپ كومپىيۇتىرىڭىزغا قاچىلاپ ئىشلەتسىڭىز بۇلىدۇ.مۇبادا بىرەرسى سىز بىلەن سېستىما توغرىسىدا ئالاقىدە بولسا ۋە ياكى قاچىلاش تەڭشەش جەريانىدا پۇل سورىسا ھەممىسى ئالدامچىلىق، سېستىمام تورى تەرىپىدىن تارقىتىلغان سېستىمىلارنىڭ قاچىلاش نۇمۇرىنى ئادەتتە ئالدىن ھاسىللىغىلى بولمايدۇ، بىر كومپىيۇتىر بىلەن يەنە بىر كومپىيۇتىرنىڭ قاچىلاش نۇمۇرى قەتئىي ئوخشىمايدۇ. سېستىما قاچىلاش جەريانىدا يۇلۇققان مەسىلىلەرنى سېستىمام تورى ۋېيشىن تۇپى ئارقىلىق سۈرۈشتۈرسىڭىز ۋە باشقا كەسىپداشلار بىلەن ھەمبەھىرلەنسىڭىز بۇلىدۇ.