مەزكۇر سېستىما win10 22H2نەشىرىگە قارىتا بىر قىسىم ئەلالاشتۇرۇشلارنى ئېلىپ بارغاندىن  【win10 22H2】سۈرەتخانا سېستىمىسى(2023-ئىككىنچى نەشىرى) ئاساسىدا  ئادوبىنىڭ سىن سۈرەت تەھرىرلىگۈچىلەر كۆپ ئىشلىتىدىغان بىر قىسىم يۇمشاق دېتاللىرى ۋە ۋىندوۋىسقا قارىتا بىر قىسىم يۇمشاق دېتاللار قۇشۇپ توپلاشتۇرۇش ۋە ئەلالاشتۇرۇپ تەڭشەش قاتارلىق مەشخۇلاتلار ئېلىپ بېرىلدى.

ئۇندىن باشقا سىن تەھرىرلەش ئىشلىرىدا كۆپ ئىشلىتىدىغان قىستۇرمىلار قاچىلىنىپ تەييارلاندى

سېستىمىنىڭ كۈرۈنمە يۈزى

ئاساسلىق قاچىلانغان يۇمشاق دېتاللار تۈۋەندىكىچە:

1.Adobe_After_Effects_2023_23.2.1.3_ACR15.2_SP_20230223

2.Adobe_Audition_2023_23.2.0.68_SP_20230207
3.Adobe_Media_Encoder_2023_23.2.1.2_SP_20230223

4.Adobe_Photoshop_2023_24.1.1.238_ACR15.2_SP_20230213

5.Adobe_Premiere_Pro_2023_23.2.0.69_SP_20230217

6.Adobe_Lightroom_Classic_12.2.0.202302032259_SP_20221214

7.Adobe_Bridge_2023_13.0.2.636_ACR15.2_SP_20230213
8.Office_Pro_Plus_2021 Project Visio_x64_zh_CN_VL_2022-09

9.轻松备份软件

مەزكۇر سېستىمىغا قارىتا ئادوبى يۇمشاق دېتاللىرىغا ئادوبى يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ 2023نەشىرىنىڭ 2023-يىلى 3-ئايدا يىڭىلانغان نۇسخىسى قاچىلاپ تەڭشەپ ئەلالاشتۇرۇلدى.

Adobe_After_Effects_2023_23.2.1.3_ACR15.2_SP_20230223 يۇمشاق دېتالىغان قارىتا ھەرخىل ئەندىزىلەرنى ئۆزگەرتىش جەريانىدا لازىم بۇلىدىغان قىستۇرمىلار قاچىلىنىپ تەڭشەش ئېلىپ بېرىلدى.

Adobe_Premiere_Pro_2023_23.2.0.69_SP_20230217 يۇمشاق دېتالىغا قارىتا ھەرخىل مەيدان ئالمىشىش، تېرە سېلىقلاش، تەۋرىنىشنى مۇقۇمداش، رەڭ تەڭشەش ۋە تەييار LUT ئۈنۈملەر، نۇر زەررىچە قىستۇرمىللىرى قاتارلىق قوللىنىشچان قىستۇرمىلار … قاچىلاپ تەڭشەپ ئەلالاشتۇرۇلدى.

Adobe_Photoshop_2023_24.1.1.238_ACR15.2_SP_20230213 يۇمشاق دېتالىغا قارىتا سۈرەتخانىلاردا كۆپ قوللىنىلىدىغان تېرە سېلىقلاش، رەڭ تەڭشەش، سۈزۈش، كىنىشكە سۈرىتى پىشۋاسى، ئاسمان رەڭگىنى ئالماشتۇرۇش … قاتارلىق نۇرغۇنلىغان قوللىنىشچان قىستۇرمىلار ۋە كىڭەيتمىلەر قاچىلىنىپ تەڭشەلدى.يەنى سېستىمام تورى تەرىپىدىن تارقىتىلغان سۈرەتخانا سېستىمىسىغا قاچىلانغان بارلىق قىستۇرما ئۈنۈملەر تۇلۇق قاچىلىنىپ تەڭشەلدى يەنى سۈرەتخانا سېستىمىسىغا قاچىلانغان قىستۇرمىلار توغرىسىدا تەپسىلى چۈشەنچە دىن بۇ سېستىمىغا قاچىلانغان Adobe_Photoshop_2023_24.1.1.238_ACR15.2_SP_20230213 قىستۇرمىلارنى چۈشۈنىپ چىقسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.

Adobe_Audition_2023_23.0.0.54_SP_20221018يۇمشاق دېتالى قاچىلىنىپ مۇۋاپىق دەرىجىدە تەڭشەش ۋە ئەلالاشتۇرۇشلار ئېلىپ بېرىلىدى.

3.Adobe_Media_Encoder_2023_23.0.0.57_SP_20221018يۇمشاق دېتالى قاچىلىنىپ مۇۋاپىق دەرىجىدە تەڭشەش ۋە ئەلالاشتۇرۇشلار ئېلىپ بېرىلىدى.

مۇبادا مەزكۇر سېستىمىنى ئىشلىتىش جەريانىدا بىر قىسىم يۇمشاق دېتاللارنى ئارتۇقچە ھېس قىلسىڭىز پاكىز ئۈچۈرۈپ يۇيۇۋېتىشڭىز، كومپىيۇتىرىڭىزدا ھېچقانداق قالدۇق، ئىزلىرى قالماسلىقى ئۈچۈن geek يۇمشاق دېتالى قۇشۇلدى. بۇ قۇرالدىن پايدىلىنىپ ئىشلەتمەيدىغان يۇمشاق دېتال ۋە قىستۇرمىلارنى ئۈچۈرسىڭىز يۇمشاق دېتالنى ئۈچۈرگەندىن سىرىت يەنە 注册表دىن باشلاپ تازىلاش ئېلىپ بېرىپ كومپىيۇتىرىڭىزغا ئارتۇقچە يۈك بۇلۇپ تۇرۇشتىن ساقلىنالايسىز.

رەسىم كۈرۈشكە نىسپەتەن ImageGlass يۇمشاق دىتالى قۇشۇلدى، ئىقتىدارىنىڭ مۇكەممەللىكىدىن بۇندىن كېيىن كومپىيۇتىرىڭىزدا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم قۇرال قىلىۋالىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمىز.

مىكروسوفىت شىركىتى تارقاتقان چۈشۈرۈش سۈرئىتىگە ھېچقانداق چەك قويمايدىغان چۈشۈرۈش قۇرالى IDMقاچىلىنىپ تەڭشەلدى، مەۋھۇم چۈشۈرۈش ئادرىسى سېستىما دىسكىسىنىڭ 下载ھۆججەت قىسقۇچى بۇلۇپ، ئىشلىتىش جەريانىدا ئېھتىياجىڭىزغا قارىتا تەڭشەش ئېلىپ بارسىڭىز بۇلىدۇ.

سېستىما قاچىلانغان بىر قىسىم يۇمشاق دېتاللارنىڭ كۈرۈنمە يۈز كەسمە سۈرەتلىرى:

مۇبادا سېستىمىنى چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن پىرىستىن يىشىشتە قىينالسىڭىز تۈۋەندىكى دەرىسلىكتىن پايدىلانسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.

bandizipيۇمشاق دېتالدىن پايدىلىنىپ بۈلەككە بۈلۈنگەن ھۆججەتلەرنى پىرىستىن يىشىش ئۇسۇلى

ئەسكەرتىشكە تىگىشلىكى شۇكى: سېستىما ھۆججەتلىرنى چۈشۈرگەندە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە بىردىن بىردىن چۈشۈرۈڭ، چۈشۈرۈش جەريانىدا ئامال بار كومپىيۇتىرڭىزنى قايتا قوزغىتىدىغان ياكى تور ئۈزۈلۈپ قالىدىغان ئەھۋاللاردىن ساقلىنىڭ، مۇبادا پىرىستىن يىشىش جەريانىدا قايسى بۈلەكنى يىشىش جەريانىدا خاتالىق كۈرۈلگەن بولسا خاتالىق كۈرۈلگەن شۇ بۈلەكنى ئۈچۈرۋېتىپ، شۇ بۈلەك ھۆججەتنىلا قايتىدىن چۈشۈرۈپ پىرىستىن يىشىش مەشخۇلاتىنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ.

مەزكۇر سېستىما ئەنئەنىۋى ھالەتتىكى GHOھالەتتە بولماستىن بەلكى wimھالەتتە، wimھۆججىتىنىڭ سىغىمى 29.4GB كىلىدۇ، سېستىما دىسكىسدا تەخمىنەن76.4GB ئەتراپىدا بوشلۇقنى ئىگەللەيدۇ. تەۋسىيەلىك قاچىلاش بوشلۇقى 120GBھالەتتە.

قاتتىق دېسكا جەھەتتە:ئىنتىل ياكى سەنشىڭنىڭ NVMEقاتتىق دېسكىسى ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيەلەيمىز.مۇبادا ماتىريال ساقلاشتا NAS ھالەتتكى ساقلىغۇچ ئىشلەتكەن بولسىڭىز 4Kھالەتتىكى سىن تەھرىرلەشتە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش سۈرئىتىڭىزنىڭ 10000MBگە يىتىشىنى تەۋسىيەلەيمىز. باشقا تەپسىلاتلارنى تۈۋەندىكى سەپلىمە تەلىپىدىن چۈشۈنىۋالسىڭىز بۇلىدۇ.

كومپىيۇتىر سەپلىمىسىگە قارىتا قۇيىلىدىغان تەلەپ:

Adobe2023يۇمشاق دېتاللىرىغا نىسپەتەن ئەڭ تۈۋەن بولغاندىمۇ تۈۋەندىكىدەك سەپلىمە بۇلۇشى كىرەك.

سېستىما قاچىلىغاندا سېستىما بىلەن بىللە تەمىنلەنگەن 优启通EasyU قۇرالىدىن پايدىلىنىپ بارماق دىسكىدىن قوزغىلىدىغان winpeدىن بىرنى تەييار قىلىۋېلىپ قاچىلىشىڭىزنى تەۋسىيەلەيمىز. مەزكۇر winpeقۇرالىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى ھېچقانداق ئۈچىنچى تەرەپ ئېلانلىرى قۇشۇلمىغان، winpeمۇھىتىدا بىۋاستە تور بەتلەرنى زىيارەت قىلىشقا بۇلىدۇ. مۇبادا ياساشنى بىلمىسىڭىز مۇشۇ يازمىدا مۇشۇ يۇمشاق دېتالدىن پايدىلىنىپ winpeدىن قوزغىلىدىغان بارماق دىسكا ياساش سىن دەرىسلىكى بىللە قالدۇرۇلغان، پايدىلانسىڭىز بۇلىدۇ.
ئالاھىدە ئەسكەرتىشكە تىگىشلىكى شۇكى بۇنداق winpeدىن قوزغىلىدىغان بارماق دىسكا ياسىغان ۋاقتىڭىزدا بارماق دىسكىڭىزدىكى ماتىرياللىرىڭىزنىڭ ھەممىسى ئۈچۈرۈلۈپ كىتىدۇ، شۇڭلاشقا ئېھتىيات بىلەن ئۇچۇرلىرىڭىزنىڭ يۇقاپ كىتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن زاپاسلىۋېلىپ مەشخۇلاتتا بۇلۇشىڭىزنى ئەسكەرتىمىز.

بۇ قۇرال يۇمشاق دېتالنى چۈشۈرۈش ئادرىسى:

 

مۇبادا ياساشتا قىينىلىمەن دەپ قارىسىڭىز تۈۋەندىكى سىن دەرىسلىكتىن پايدىلانسىڭىز بۇلىدۇ.

优启通EasyU_3.7.2022.0801دىن پايدىلىنىپ بارماق دېسكىدىن قوزغىلىدىغان winpeنى ياساش ئۇسۇلى

ئەسكەرتىش:مەزكۇر سېستىمىنىڭ قاچىلاش نۇمۇرىغا سېستىما قاچىلاش جەريانىدا ۋېيشىن بىلەن سىكانىرلاپ بەلگىلىك ھەق تۈلىگەندىن كېيىن(ئىشخانا ئاپتۇماتلاشتۇرۇش سېستىمىسىنىڭ بەش يۈەن، باشقا سېستىمىلارنىڭ قىستۇرما قاچىلانمىغان نۇسخىسىنىڭ بىر قېتىملىق قاچىلاش نۇمۇرى 15يۈەن، قىستۇرما قاچىلانغان نۇسخىسىنىڭ 30يۈەن ھالەتتە تەڭشەلگەن) ئاندىن ئاپتۇماتىك ھالەتتە ۋېيشىن كىچىك پىروگراممىسىدا قاچىلاش نۇمۇرىغا ئېرىشىسىز، قاچىلاش نۇمۇرى بىر قېتىملىق قاچىلاش جەريانىدىلا كۈچكە ئىگە، شۇڭلاشقا قاچىلاشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىز ئەمەلى ئەھۋالىنى ياخشى ئويلۇشۇڭ. مەزكۇر فىلىم-سۈرەتچىلىك سېستىمىسى مەۋھۇم مەھسۇلات بولغاچقا سېتىۋېلىپ بولغاندىن كېيىن پۇل قايتۇرۇشنى قوللىمايدۇ. مۇبادا سېستىمىنى قاچىلاش ياكى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن سېستىمىدا بىرەر نورمالسىزلىق كۈرۈلسە تور بەت ۋېيشىن مۇلازىمەتچىسى بىلەن ئالاقىدە بولسىڭىز بۇلىدۇ.

 

سېستىمىنى بىر قېتىم قاچىلاش نۇمۇرى سېتىۋېلىپ يەنە قايتا قاچىلىغان ۋاقىتتا قايتىدىن سېتىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۇنجى قېتىم سېستىمىنى قاچىلاپ بۇلۇپ تەڭشىۋالغاندىن كېيىن تۈۋەندىكى دەرىسلىك بۇيىچە زاپاسلىۋېلىپ بىھۇدە پۇل تۈلەشتىن ساقلىنىشىڭىزنى تەۋسىيەلەيمىز

سېستىما زاپاسلاش ۋە قايتۇرۇش رەسىملىك قوللانمىسى

سېستىمىغا مۇناسىۋەتلىك پايدىلانمىلار:

【win10 22H2】تۈزۈلگەن سېستىمىلاردا نىمىلەر ئىخچاملاندى؟

سۈرەتخانا سېستىمىسىغا قاچىلانغان قىستۇرمىلار توغرىسىدا تەپسىلى چۈشەنچە

【win10 22H2】سۈرەتخانا سېستىمىسى(2023-ئىككىنچى نەشىرى)

سېستىمام تورىدىكى سېستىمىلارنى قاچىلاشنىڭ سىن دەرىسلىكى

سېستىمام تورى تارقاتقان سېستىمىلارنى قاچىلاشنىڭ ئونۋېرسال رەسىملىك چۈشەندۈرۈلمىسى

优启通EasyU_3.7.2022.0801دىن پايدىلىنىپ بارماق دېسكىدىن قوزغىلىدىغان winpeنى ياساش ئۇسۇلى

سېستىما زاپاسلاش ۋە قايتۇرۇش رەسىملىك قوللانمىسى

ئىزاھات:سېستىمام تورى تەرىپىدىن تارقىتىلغان سېستىمىلار ھەقلىق ھالەتتە بۇلۇپ، چۈشۈرۈش ۋە قاچىلاش ئۈچۈن ئالدىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايدۇ، پەقەت قاچىلىنىش جەريانىدا چىققان ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاش ئارقىلىق قاچىلاش نۇمۇرى سېتىۋېلىپ ئىشلىتىسز، پۈتكۈل جەريان ئاپتۇماتىك ھالەتتە، ھەرگىزمۇ ئادەملىك مۇلازىمەت يوق. قاچىلاش نۇمۇرى سېتىۋالغانلىقىڭىز ھەرگىزمۇ سىزنىڭ سېستىما ۋە يۇمشاق دېتاللارنىڭ ھەقىقى نەشىرىنى سېتىۋالغانلىقىڭىزنى بىلدۈرمەيدۇ، پەقەت بىزنىڭ بۇ سېستىمىلارنى ئىككىنچى قېتىملىق قۇلايلىق ھالەتتە تەييارلىغانلىقىمىزنىڭ ئەجىر ھەققىدىنلا ئىبارەت، ئادەتتە قىستۇرما قاچىلانغان سېستىمىلارنىڭ بىر قېتىملىق قاچىلاش نۇمۇرىنى 30يۈەن، قىستۇرما قاچىلانمىغان سېستىمىلارنىڭ بىر قېتىملىق قاچىلاش نۇمۇرىنى 15يۈەن، ئىشخانا ئاپتۇماتلاشتۇرۇش سېستىمىللىرىنىڭ بىر قېتىملىق قاچىلاش نۇمۇرىنى 5يۈەندىن سېتىۋېلىپ كومپىيۇتىرىڭىزغا قاچىلاپ ئىشلەتسىڭىز بۇلىدۇ.مۇبادا بىرەرسى سىز بىلەن سېستىما توغرىسىدا ئالاقىدە بولسا ۋە ياكى قاچىلاش تەڭشەش جەريانىدا پۇل سورىسا ھەممىسى ئالدامچىلىق، سېستىمام تورى تەرىپىدىن تارقىتىلغان سېستىمىلارنىڭ قاچىلاش نۇمۇرىنى ئادەتتە ئالدىن ھاسىللىغىلى بولمايدۇ، بىر كومپىيۇتىر بىلەن يەنە بىر كومپىيۇتىرنىڭ قاچىلاش نۇمۇرى قەتئىي ئوخشىمايدۇ. سېستىما قاچىلاش جەريانىدا يۇلۇققان مەسىلىلەرنى سېستىمام تورى ۋېيشىن تۇپى ئارقىلىق سۈرۈشتۈرسىڭىز ۋە باشقا كەسىپداشلار بىلەن ھەمبەھىرلەنسىڭىز بۇلىدۇ.